باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەنشىنىڭ شەنياڭدا : قۇتقۇزۇش خىزمىتى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا

2015.08.16 09:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شەنشىنىڭ شەنياڭ ناھىيەسىدىكى تاغ گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدىكى قۇتقۇزۇش خىزمىتى بۈگۈن ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى ، يوقاپ كەتكەنلەر 64 كە يەتتى ، قۇتقۇزۇش خادىملىرى 72 سائەتلىك ئالتۇن قۇتقۇزۇش ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ ، قۇتقۇزۇش دائىرىسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كېڭەيتىپ ، ھاياتلىقنى ئەڭ زور دەرىجىدە قۇتقۇزماقتا .

  12- ۋە 13-ئاۋغۇست، قۇتقۇزۇش نەق مەيدانىدىكى يەتتە كەسپىي قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئاپشاركا ۋە ھاياتلىق تەكشۈرۈش ئەسۋابىدىن ئىزچىل پايدىلىنىپ سۈنئىي ئۇسۇلدا قۇتقۇزدى ، 30 نەچچە قۇتقۇزۇش ماشىنىسى كېچە - كۈندۈز توختىماي گۆمۈرۈلۈپ چۈشكەن تاش توپىنى قېزىپ تەكشۈردى. تاغ گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈشتىكى توپا - تاش مىقدارى 1 مىليون 300 مىڭ كۇپ مېتىردىن 1 مىليون 500 مىڭ كۇپ مېتىرغىچە بولۇپ، تاغ يېرىلىش ئالامەتلىرىمۇ كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ، پات - پات قورام تاشلار دومىلاپ چۈشۈپ تۇرىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇتقۇزۇش مەشغۇلات دائىرىسى بىرقەدەر تار بولۇپ ، چوڭ تىپتىكى ماشىنىلارنى ئىشقا سېلىپ قۇتقۇزۇشقا پايدىسىز . مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى قۇتقۇزۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن يېڭى قۇتقۇزۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىۋاتىدۇ.

  ھازىر ، تاغ گۆمۈرۈلۈپ چۈشكەن جاينىڭ ئەتراپىدىكى 5- 6 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان رايوندىكى ئامما بىخەتەر جايغا تارقاقلاشتۇرۇلدى، كەسپىي كۆزىتىش خادىملىرى پۈتۈن جەرياننى 24 سائەت كۆزىتىپ، ئىككىلەمچى ئاپەت يۈز بېرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئالماقتا.

  قۇتقۇزۇۋېلىنغان 14 كىشى شۇ يەردىكى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ ، شەنشى ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئەۋەتكەن داۋالاش گۇرۇپپىسىمۇ نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا. شەنياڭ ناھىيەسى يەنە ئائىلە تەۋەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىن 4نى تەسىس قىلدى. مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملار پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلىمەكتە ۋە تەسەللى بەرمەكتە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر