باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھۆكۈمەتنىڭ باھا بېكىتىش دائىرىسى ئەڭ زور چەكتە تارايتىلىۋاتىدۇ

2015.08.16 09:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ يېقىندا دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئوقۇشىچە، نۆۋەتتە باھا ئىسلاھاتى تېز ئىلگىرى سۈرىلىۋېتىپتۇ، جايلار ھۆكۈمەتنىڭ باھا بېكىتىش دائىرىسىنى ئەڭ زور چەكتە تارايتىۋېتىپتۇ، يەنى تارايتىش نىسبىتى %50 تىن ئېشىپتۇ، گۇاڭدۇڭ، تيەنجىن، خېنەن، خېبېي، فۇجيەن، جىلىن قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەر كونكرېت باھا بېكىتىش تۈرىنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %60 تىن كۆپرەك تارايتىپتۇ.

  ئۆتكەن يىلى 11-ئايدىن بۇيان، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن 56 تۈرلۈك تاۋار ۋە مۇلازىمەت باھاسىنى ئىلگىرى-كېيىن قويۇۋېتىپتۇ ياكى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپتۇ. جايلارمۇ باھا ئىسلاھاتىنى پائال پىلانلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ باھا بېكىتىش دائىرىسىنى ئەڭ زور چەكتە تارايتىشنى پائال پىلانلاپتۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇقتىلىق ساھەلەردە باھانى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىمۇ تېزلىشىۋېتىپتۇ. توك يەتكۈزۈش باھاسى ئىسلاھاتى سىنىقى دائىرىسى شېنجېن شەھىرى ۋە غەربىي ئىچكى موڭغۇل ئېلېكتىر تورىدىن ئەنخۇي، خۇبېي، نىڭشيا، يۈننەن، گۇيجۇدىن ئىبارەت بەش جايدىكى ئېلېكتىر تورىغىچە كېڭەيتىلىپتۇ. تۆمۈر يول يۈك تىرانسپورتى باھاسى يەنىمۇ رەتكە سېلىنىپ، شىنجاڭنىڭ پاختىسى، شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل باخلاسىنىڭ نىشانلىق باھاسى ئىسلاھاتى سىنىقى تەرتىپلىك يولغا قويىلىۋېتىپتۇ. نۇقتىلىق ساھەلەردىكى باھا مۇناسىۋىتى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش ۋە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىنىپتۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر