باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالتە تارماق «ئۈچ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈپ» تىزىمغا ئېلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقاردى

2015.08.16 09:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 13-ئاۋغۇست دۆلەتلىك سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىدىن ئوقۇشىچە، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، مەركىزىي كومىتېت ئىشتات ئىشخانىسى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى، سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى ۋە گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىق ئىشخانىسى قاتارلىق ئالتە تارماق بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «ئۈچ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈپ» تىزىمغا ئېلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئۈچ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر كىنىشكىگە بىر نومۇر بېرىپ» تىزىمغا ئېلىش قېلىپىنى قەرەلىدە يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان.

  1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ، جايلاردا يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانىلار، ئۆزگەرتىلگەن كارخانىلار سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى تارقاتقان قانۇنى ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ بىر تۇتاش ئىجتىمائىي ئىناۋەت كودى قوشۇلغان تىجارەت كىنىشكىسىنى ئالغاندا، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، سۈپەت تەكشۈرۈش، باج ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان كىنىشكا تارقىتىشى ھاجەتسىز، ئەمدى تەشكىلىي ئاپپارات كود كىنىشكىسى ۋە باج ئورگانلىرىغا تىزىملىتىش كىنىشكىسى تارقىتىلمايدۇ. ئۇقتۇرۇشتا جايلاردىن بىر تۇتاش تىزىمغا ئېلىش تەرتىپى، بىر تۇتاش كود ۋە كود قائىدىسىنى ئورنىتىپ، ئۈچ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر كىرىشكىچە بىر نومۇر بېرىپ تىزىملاش قېلىپىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش تەلەپ قىلىندى.

  «ئۈچ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» ئىسلاھاتى كۆپلىگەن تارماقلارغا چېتىلىدۇ، ئۇقتۇرۇشتا ئالاقىدار تارماقلاردىن كېڭىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، سىلىق ئۆتۈشكە، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر