باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ تيەنجىن پورتىدىكى «رۈيخەي» شىركىتىنىڭ خەتەرلىك بۇيۇملار ئىسكىلاتىدا 12 - ئاۋغۇست يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە زور ئوت ئاپىتى، پارتلاش ۋەقەسى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى:

ئوتنى تېز ئۆچۈرۈپ، يارىدارلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

لى كېچياڭ قۇتقۇزۇش ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ھەم بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە تەستىقىي يوليورۇق بەردى

2015.08.14 14:22         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12 - ئاۋغۇست سائەت 23 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، تيەنجىن پورتىدىكى «رۈيخەي» شىركىتىنىڭ خەتەرلىك بۇيۇملار ئىسكىلاتىدا ئوت ئاپىتى، پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى. 13 - ئاۋغۇست سائەت 18 گىچە، ۋەقەدە 50 كىشى قازا قىلدى؛ 71 ئېغىر يارىدارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 701 كىشى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ.

  ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ دەرھال مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، تيەنجىن شەھىرىدىن سەرخىل خادىملارنى تەشكىللەپ، يارىدارلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇپ، يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەشنى؛ ئوتنى تېز ئۆچۈرۈپ، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ۋەقەدىكى جاۋابكارلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى؛ ۋەقەدە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى ۋە يارىدارلارغا ياخشى تەسەللى بېرىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ياخشى قوغداپ، ئىجتىمائىي كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇشنى؛ ئىلمىي قۇتقۇزۇشقا دىققەت قىلىپ، قۇتقۇزغۇچى خادىملارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداشنى تەلەپ قىلدى. قۇتقۇزۇش ۋە ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن تېز سۈرئەتتە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى. جايلار بۇ قېتىمقى ھادىسىدىن قاتتىق ساۋاق ئېلىپ، خەلق مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، يوشۇرۇن خەۋپلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، خەتەرلىك بۇيۇملارنى باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ دەرھال تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، كۈچلەرنى تەشكىللەپ، پارتلاشتىن كېلىپ چىققان ئوتنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆچۈرۈش ھەم نەق مەيداندا ئىنچىكىلىك بىلەن ئىزدەپ ۋە قۇتقۇزۇپ، ئىلمىي قۇتقۇزۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قايتا ۋەقە يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى؛ تېخنىكىسى يۇقىرى دوختۇر ۋە سېسترالارنى تەشكىللەپ، يارىدارلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ ۋە داۋالاپ، يارىدارلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قۇتقۇزۇشنى؛ ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ئۇچۇرلارنى دەل ۋاقتىدا جەمئىيەتكە ئاشكارىلاشنى؛ جايلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىشىنى نازارەت قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.

  شى جىنپىڭ ۋە لى كېچياڭنىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن، دۆلەت كومىسسارى، ج خ مىنىستىرى گو شېڭكۇن گوۋۇيۈەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنى باشلاپ نەق مەيدانغا بېرىپ، قۇتقۇزۇش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى. تيەنجىن شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا بېرىپ، خادىملارنى قۇتقۇزۇشقا تەشكىللىدى. ھازىر قۇتقۇزۇش، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش قاتارلىق خىزمەتلەر جىددىي ئىشلىنىۋاتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر