باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەن گۇما ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى

ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ياخشى ئۆيدە ئولتۇرغۇزۇپ، ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك

2015.08.14 16:51         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ چۈنشيەن 12-ئاۋغۇست ئاپەتتە بىر قەدەر ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان گۇما ناھىيەسىنىڭ كۆكتېرەك يېزىسىدىكى كۆكتېرەك كەنتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىدىن ھال سورىدى ھەم ئۇلارنىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - سىياسىي كومىسسارى جاڭ چۈنشيەن 12 - ئاۋغۇست خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونغا بېرىپ، ئاپەت ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى ھەم ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىدىن ھال سورىدى. گۇما ناھىيەسىدە ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ، زۇڭلى لى كېچياڭ قاتارلىق مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقى، كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى.

  بىز پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە غەمخورلۇق قىلغانلىقىدىن چەكسىز مىننەتدار بولدۇق

  جاڭ چۈنشيەن 12 - ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن خوتەن شەھىرىگە بارغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىللىق ئىككى سائەتتىن كۆپرەك يول يۈرۈپ، گۇما ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەش مەركىزىگە جايلاشقان گۇما ناھىيە بازىرى، كۆكتېرەك يېزىسى، گۇما بازىرىدىكى ئېغىر دەرىجىدە يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان كەنتلەرگە بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىدىن ھال سورىدى ھەم نەق مەيداندا ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

  جاڭ چۈنشيەن يەر تەۋرەش مەركىزىگە جايلاشقان، ئاپەت زىيىنىغا بىر قەدەر ئېغىر ئۇچرىغان كۆكتېرەك يېزىسىنىڭ كۆكتېرەك كەنتىگە باردى. كەنت ئاھالىسى بىر ئاي ئىلگىرىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى پەيدا قىلغان ۋەھىمىدىن تېخى قۇتۇلالمىغانىدى. 75 ياشلىق ئېزىز مەتسادىر بوۋا مۇنداق دېدى: مۇشۇ ئۆمرۈمگىچە بۇنداق قاتتىق يەر تەۋرەش ئاپىتىنى كۆرۈپ باقمىغانىدىم، ئۇنداق ئەھۋالدا ئادەم نېمە قىلىشنى بىلمەي قالىدىكەن، ھېلىمۇ ياخشى كەنت كادىرلىرى، كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر ۋە ئازادلىق ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ھەممىدىن بۇرۇن ئۆيۈمگە يېتىپ كېلىپ، بىزگە ئالاقزادە بولماڭلار، دەپ تەسەللى بەردى، يەنە گىلەم، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، توخۇلىرىمنى خارابىلىكتىن ئەپچىقىپ بەردى، بىز ئۇلاردىن چەكسىز مىننەتدار بولدۇق.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ھەم سوتسىيالىستىك جۇڭگو بولغاندىلا، مانا مۇشۇنداق بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. بىز پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە غەمخورلۇق قىلغانلىقىدىن، بىزنى قوللىغانلىقىدىن مىننەتدار بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىشىمىز، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى مەڭگۈ ئېسىمىزدە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك.

  كۈتۈپ تۇرماي، يۆلىنىۋالماي، ئۆزئارا ياردەملىشىپ، يۇرت - ماكاننى قايتىدىن قۇرۇش

  يەر تەۋرەش ئاپىتى ئېغىر زىيانلارنى كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە ۋە گۇما ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشچىلىقىدا، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كۈتۈپ تۇرماي، يۆلىنىۋالماي، ئۆزئارا ياردەملىشىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى باشلىغان ئىدى.

  كۆكتېرەك كەنتىدە ئېزىزنىڭ ئۆي سېلىشىغا ياردەملىشىۋاتقان قوشنىسى ئەخمەت ماخمۇت شۇجى جاڭ چۈنشيەنگە مۇنداق دېدى: ھەممىمىز ئۆزئارا ياردەملىشىپ ئۆي سېلىۋاتىمىز، بۇنىڭدا ھەم پۇلنى تېجىگىلى، ھەم قوشنىدارچىلىقنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ. ھازىر كۆكتېرەك كەنتىدە ئۆيىنى قايتا سالمىسا بولمايدىغان 91 ئائىلە ئىچىدىكى بىر ئائىلە ئۇل سېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندىن سىرت، قالغان 90 ئائىلىلىك ئۇل سېلىپ بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە سەككىز ئائىلە ھويلا تېمىنى قوپۇرۇشقا باشلىغان.

  جاڭ چۈنشيەن كۆپچىلىكنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ قۇرۇلۇش قىلىپ، يۇرت - ماكانىنى قايتا قۇرۇش روھىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇ: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ غەمخورلۇق قىلىشى ۋە قوللىشى بىلەن، كۆپچىلىكنىڭ چوقۇم ئىككى قولىغا تايىنىپ، يۇرت - ماكانىنى قايتا قۇرۇپ چىقالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، دېدى ھەم كۆپچىلىككە ئۆيلەرنى سېلىپ بولغاندىن كېيىن، كېلىشكە ۋەدە بەردى.

  ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشنى ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ پىلانلاش كېرەك

  گۇما بازىرى ئارايار كەنتىنىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتى خېلى تېز ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، 11 ئائىلە ئاپەتتىن كېيىنكى ئەمىن تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىش ئۆيىنى سېلىپ بولغانىدى. جاڭ چۈنشيەن ئابلىكىم مەمەتنىڭ يېڭى ئۆيىگە كىرىپ، ئۆينىڭ قۇرۇلمىسىنى تەپسىلىي كۆردى. ئابلىكىم خۇشال ھالدا: بۇ ئۆينىڭ قۇرۇلمىسى، ھويلا ۋە قوتانلارنىڭ ھەممىسىنى مېنىڭ پىكرىمگە ئاساسەن سالدۇق، ئۆينىڭ كۆلىمى ھۆكۈمەت لايىھەلەپ پىلانلاپ بەرگەن كۆلەمدىن سەل چوڭراق بولدى، دېدى. ئىلمىي پىلانلاش، لايىھەلەش ئارقىلىق سېلىنغان ئۆيلەر كەڭرى، پۇختا، ھويلا - ئارانلىرى چوڭ بولۇپ، كۆپچىلىك ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق كىرىمىنى كۆپەيتىشكە لايىقلاشتۇرغانىدى.

  جاڭ چۈنشيەن ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل ئالاقىدار يولداشلارغا بەلگىلىمە، قانۇنغا ئۇيغۇن بولۇش ئالدىنقى شەرتى ئاساسىدا، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى قۇرۇلۇشلارنى ياخشى پىلانلاپ، كەنتمۇ كەنت، ئۆيمۇئۆي لايىھەلەپ، ياخشى ئىشنى ياخشى قىلىپ، ياخشى ئۈنۈم يارىتىپ، ئاممىنى رازى قىلىشنى تاپىلىدى.

  گۇما ناھىيەسىدىكى %70تىن كۆپرەك ئاھالە ئاپەتكە ئۇچرىدى، جاڭ چۈنشيەن ئۆيلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، ئۆيلەر زىيانغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىدىن بىرىمۇ ئۆرۈلمىگەن بولۇپ، ئۆرۈلۈپ چۈشكەن كېسەكتىن سېلىنغان ئۆيلەر بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولغانىدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت كۆپچىلىكنى ئىزچىل قوللاپ كەلدى، شۇنداقلا ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا، ئۇلارنىڭ تېزدىن يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىپ، قىشنى بىخەتەر ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى 12 - ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن گۇما ناھىيەسىدە ئېچىلدى، جاڭ چۈنشيەن يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى ھەم باش شۇجى شى جىنپىڭ، زۇڭلى لى كېچياڭ قاتارلىق مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقى، كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  جاڭ چۈنشيەن خوتەن ۋىلايىتى، گۇما ناھىيەسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە نازارىتى، خەلق ئىشلىرى نازارىتى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشىنى پىلانلاش نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۈمىد ئاتا قىلىشىمىز كېرەك. ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى يەرلىكنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، «بەشلەشتۈرۈش» قۇرۇلۇشى، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، يۆلەش - ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ غەمخورلۇقىنى ئەكس ئەتتۈرۈشىمىز؛ ئالدى بىلەن ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىمىز، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى، كەپە ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىش پىلانى بىلەن بىرلەشتۈرگەن ئاساستا، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ يىل ئاخىرىغىچە يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قىشنى بىخەتەر ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز؛ زىيانغا ئۇچرىغان مائارىپ، داۋالاش، سۇچىلىق، قاتناش، يەر ئاستى تۇرۇبا تورى، مەدەنىيەت - تەنتەربىيە، پاراۋانلىق قاتارلىق جامائەت مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرى ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قايتا قۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىشىمىز؛ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش، زىيانغا ئۇچرىغان لاپاس، قوتان، ئاشلىق ئامبىرى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنى چىڭ تۇتۇشىمىز، ئاممىنى كۈزلۈك تېرىلغۇلارنى ۋاقتىدا تېرىشقا تەشكىللىشىمىز، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كىرىمنى ئاشۇرۇش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشىمىز، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ياخشى ئۆيلەردە ئولتۇرغۇزۇپلا قالماستىن، ئۇلارنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشىمىز؛ ئاجىز نۇقتىلارنى كۈچەيتىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشىمىز؛ ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، مۆلچەرلەش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش ئىقتىدارىنى، ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش، پاناھلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشىمىز؛ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قوماندانلىق قىلىش سىستېما قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىمىز؛ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىمىز كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: خىزمەتلەرنى ئىنچىكە ھەم پۇختا ئىشلەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئىدىيە خىزمىتىنى ئوچۇق - ئاشكارا، ھەققانىي، ئادىل، سەۋرچانلىق، ئىنچىكىلىك بىلەن ئىشلىشىمىز؛ ياخشى ئىستىل ئارقىلىق، ياخشى ئىش قىلىشىمىز؛ ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش جەريانىنى ھەقىقىي تۈردە پارتىيە ئەزالىرى بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يېقىنلاشتۇرىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئەلنى مايىل قىلىدىغان جەريان قىلىشىمىز؛ ھەر مىللەت ئاممىغا ئىللىقلىقنى ھېس قىلدۇرۇشىمىز ۋە ياخشى تەسىرات قالدۇرۇشىمىز كېرەك. ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشتىكى تەشكىللەش، رەھبەرلىك قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى ئەستايىدىل جارى قىلدۇرۇشىمىز؛ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تەشۋىقات خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىشىمىز؛ ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشنى شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىدىغان، شىنجاڭنى نامايان قىلىدىغان پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ گۈزەل يۇرت - ماكانىنى قايتا قۇرۇش ئىرادىسى، ئىشەنچىسىگە ئىلھام بېرىشىمىز ۋە ئىرادىسى، ئىشەنچىسىنى چىڭىتىشىمىز؛ ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقي تۈردە ياخشى ۋە پۇختا ئىشلەپ، ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە رەھبەرلىرىدىن چې جۈن، لى ۋېي، خۇاڭ ۋېي، جارۇللا ھېسامىدىن، ۋەن خەيچۈەن، گو لوتەي، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، مائارىپ، خەلق ئىشلىرى، مالىيە، تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشىنى پىلانلاش، قاتناش، سۇچىلىق، دېھقانچىلىق، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت، ئىقتىسادىي تەپتىش، نامراتلارنى يۆلەش، يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى، خوتەن ۋىلايىتى، گۇما ناھىيەسى، قەشقەر ۋىلايىتى، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر