باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خوشۇت ناھىيەسىدىكى 4.6بال يەر تەۋرەشتىن كېيىن 49 كورپۇس ئادەتتىكى ئولتۇراق ئۆي زىيانغا ئۇچرىدى

2015.08.14 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 13-ئاۋغۇست كەچ سائەت 6 گىچە، شىنجاڭ خوشۇت ناھىيەسىدىكى 4.6 بال يەر تەۋرەشتىن كېيىن 49 كورپۇس ئادەتتىكى ئولتۇراق ئۆي زىيانغا ئۇچراپ 179 ئادەم زەرەر تارتقان، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 580 مىڭ يۈەن بولغان، ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن. نۆۋەتتە، شۇ جاينىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي ئومۇملىقى ئىناق ۋە مۇقىم بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالى نورمال ئېلىپ بېرىلماقتا.

  جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسى تورىنىڭ ئۆلچىشىچە، 10-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن سائەت 3 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خوشۇت ناھىيىسىدە 4.6 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10مىڭ مېتىر ، تەۋرەش مەركىزى شىمالىي كەڭلىك 41.7 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 87.8 گىرادۇس بولۇپ، شۇكۈنى خوشۇت ناھىيەسىدىكى 5 يېزا، 2 بازاردا قاتتىق سىلكىنىش بولغان.

  يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، خوشۇت ناھىيەسى دەرھال جىددىي تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مېخانىزمى يولغا قويۇپ ، خەلق ئىشلىرى ، ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىشخانىسى قاتارلىق تارماقلار يېزىلاردا تۇرۇشلۇق «ئۈچ ئەل خىزمىتى» خىزمەت گۇرۇپپىسى، كەنت ئىككى كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالىنى ئستاتىستىكا قىلىپ رەتكە تۇرغۇزۇش ھەمدە ئاپەتكە ئۇچرىغان يېزا ۋە ئاممىغا تەسەللى بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر