- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گو شېڭكۈن تيەنجىندىكى ئوت ئاپىتىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى
2015.08.16 09:48 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەت كومىسسارى ، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى گو شېڭكۈن 14 - ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن تيەنجىن پورتىدا يۈز بەرگەن « 12 - ئاۋغۇست » ئېغىر ئوت ئاپىتى - پارتلاش ۋەقەسى نەق مەيدانىغا يەنە بىر قېتىم بېرىپ، بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى . ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى : باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ، زۇڭلى لى كېچياڭ قاتارلىق مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، خەلقنىڭ مەنپەئەتى ، ھاياتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش پىرىنسىپىدا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ ، بىر پىرسەنت ئۈمىد بولسا ٪ 100 تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ، خەتەرگە ئۇچرىغان خادىملارنى داۋاملىق پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇپ ، تۈرلۈك قۇتقۇزۇش، بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ئىلمىي ، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇش كېرەك.
گو شېڭكۈن يوقاپ كەتكەن بىر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ئىنتايىن خۇشال بولدى . ئۇ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ ،
ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قۇتقۇزۇش بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا ، سەرخىل كۈچلەرنى تەشكىللەپ ،ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداننى ئومۇميۈزلۈك ئاختۇرۇپ ، يارىدارلارنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن قۇتقۇزۇپ ، ھاياتلىقنى ئەڭ زور دەرىجىدە قۇتقۇزۇش كېرەك .
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر