زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 2015-يىل 7-ئاينىڭ 10-كۈنى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا مۇتەخەسىسىلەر ۋە كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرى ئاڭلاندى. ئۇ: ئىتقىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى، مال باھاسى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىم، مۇھىت ئاسراشتىن ئىبارەت قاتمۇ-قات نىشاننىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، دېدى. (جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى ليۇ جېن فوتوسى)
زۇڭلى لى كېچياڭ ئېنىق قىلىپ: بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت بەش تۈرلۈك ئىقتىساد كۆرسەتكۈچىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، دېدى. ئۇ بۇ يىل 7-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىتقىسادىي ۋەزىيەت سۆھبەت يىغىنىدا: ئىتقىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى، مال باھاسى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىم، مۇھىت ئاسراشتىن ئىبارەت قاتمۇ-قات نىشاننىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك» دېگەن.
ئەمەلىيەتتە، بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت تەشكىللەنگەندىن بۇيان ئېچىلغان 100 قېتىملىق گوۋۇيۈەن دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا، بۇ بەش تۈرلۈك كۆرسەتكۈچنىڭ جان تومۇرى ئىزچىل ئېنىق كۆرسىتىلدى ھەم باشتىن-ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىدىيە ۋە ئەمەلىيەت بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەپەككۇرىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ترايېكتورىيەنى سىزىپ چىقتى، شۇنداقلا، دۇنيادىكى بۇ 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى «يەنىمۇ ساپلىققا ئىگە» قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشتەك ئىرادىسى ۋە ئېتىقادىنى نامايان قىلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى