باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەننىڭ 2- قېتىملىق تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى

قىسمەن جايلاردا يۇقىرىنى ئالداپ تۆۋەندىن يوشۇرىدىغان ئەھۋال ساقلانغان

2015.08.07 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەكشۈرۈش مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش رەسىمىي يولغا قويۇلدى

  ــ گوۋۇيۈەننىڭ 2- تەكشۈرۈش ھەققىدە ئومۇمىي بايان (5)

  گوۋۇيۈەن 5- ئايدىن 6- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە زور سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى چوڭ تەكشۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قانات يايدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىقتىسادىي تەپتش مەھكىمىسى ئالاقىدار سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ ئىقتىسادىي تەپتىش قىلدى. تەكشۈرۈش ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، قىسمەن رايونلار ۋە تارماقلار زور سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرماسلىق، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈمەسلىك، خىزمەتلەرنى يۈرۈشتۈرۈش ئاستا بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر، شۇنداقلا يۇقىرىنى ئالداپ تۆۋەندىن يوشۇرىدىغان، كۆز بويامچىلىق قىلىدىغان ئەھۋاللار ساقلانغان.

  مەسئۇلىيەتنى ئاخىرغىچە سۈرۈشتۈرگەندىلا، تۈزەش ئەمەلىيلىشىدۇ. تەكشۈرۈش ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش جەريانىدا بايقالغان مەسىلىلەرنى گوۋۇيۈەننىڭ قۇشۇلۇشى بىلەن گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئالاقىدار جايلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلدى ھەم بەلگىلەنگەن مۇددەتتە گوۋۇيۈەن ئەھۋالنى دوكلات قىلىشنى تەلەپ قىلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر