باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ تيەنجىن شەھىرى بىنخەي يېڭى رايونى خەتەرلىك بۇيۇملار ئىسكىلاتىدا پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا مۇھىم يوليۇرۇق بەردى

2015.08.13 13:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ تيەنجىن شەھىرى بىنخەي يېڭى رايونى خەتەرلىك بۇيۇملار ئىسكىلاتىدا پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا مۇھىم يوليۇرۇق بېرىپ، ئوتنى تېزدىن كونتىرول قىلىپ ئۆچۈرۈش، يارىدارلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇش، خەلقنىڭ ھاياتىي، مال مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، دەپ تەلەپ قىلدى

  لى كېچياڭ قۇتقۇزۇش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدا تەستىقىي يوليۇرۇق بەردى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 13- ئاۋغۇست تېلېگراممىسى تيەنجىن شەھىرى بىنخەي يېڭى رايونى رۇيخەي شىركىتى خەتەرلىك بۇيۇملار ئىسكىلاتىدا . 8- ئاينىڭ 12- كۈنى سائەت 23 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە پارتلاش يۈز بەردى. دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، ۋەقەدە 14 كىشى قازا قىلغان، 400 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان.

  ۋەقەدىن كېيىن، پارتىيە مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. ج ك پ مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزى ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليۇرۇق بېرىپ، تيەنجىن شەھىرىنىڭ ئۈنۈملۈك كۈچ تەشكىللەپ، يارىدارلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇش، غايىپ بولغانلار ئىزدەش؛ ئوتنى تېزدىن كونتىرول قىلىپ ئۆچۈرۈش، ۋەقە سەۋەبىنى تېزدىن ئېنىقلاش، ۋەقەنىڭ جاۋابكارىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش؛ بەختىسزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە يارىدارلارغا تەسەللىي بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش، جەمئىيەت كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇش؛ ئىلمىي قۇتقۇزۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قۇتقۇزغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. گوۋۇيۈەن دەرھال خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ قۇتقۇزۇش ۋە ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلدى. جايلار بۇ قېتىملىق ۋەقەدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىنى ياخشىلاپ، خەلقنىڭ ھاياتىي، مال مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر