خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- ئاۋغۇست، ئەنگىلىيەنىڭ ئېپسومدا 2015-يىللىق «بودەك خانقىز»گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇسابىقىگە 14ياشتىن26ياشقىچە بولغان 27نەپەر ماھىر قاتناشتى. ماھىرلار كەچلىك مۇراسىم كىيمى،ۋە سۇئۈزۈش كىيمى بىلەن بەدەن گۈزەللىكىنى نامايەن قىلدى.مۇسابىقىدە، 19ياشلىق رېبىكا ئارجېنىت چېمپىيونلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ مۇنداق دىدى: بۇ مىنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ گۈزەل بىر كۈن بولدى، ئىلگىرى مەن سىمىزلىكتىن كەمسىتىشكە ئۇچرىغان، ھەتتا شۇ سەۋەبتىن نۇمۇس قىلاتتىم.ھازىر مەن ئورۇق مودىللارلا گۈزەل ھىسابلانمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى