باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پۇئەندىكى كۆمۈركان ھادىسىسىدە قازا قىلغان ئادەم 13 كە يەتتى، قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئاخىرلاشتى

2015.08.14 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۈيجۇ ئۆلكىسى پۇئەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تورىدىن ئىگىلىنىشىچە، پۇئەندىكى 11-ئاۋغۇست كۆمۈر كان ھادىسىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر نەپەر ئىشچى تېپىلغان بولۇپ، ھېچقانداق ھاياتلىق ئالامىتى قالمىغان. شۇنىڭ بىلەن خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئاخىرلىشىپ، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلانغان.

  11-ئاۋغۇست گۈيجۇ پۇئەندىكى بىر كۆمۈر كاندا كۆمۈر ۋە گاز پارتىلاش ھادىسىسى يۈز بەرگەن بولۇپ،ھادىسىدە جەمئىي قودۇققا چۈشكەن 69ئادەمنىڭ 56سى قايتىپ چىققان. 12-ئاۋغۇست تەكشۈرۈش ئارقىلىق 10 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.56نەپەر قايتىپ چىققان ئىشچىلاردىن 5نەپىرى يارىلانغان بولۇپ،يارىسى بىرئاز يىنىك بولغان 2نەپەر ئىشچى ئاللىقاچان دوختۇرخانىدىن چىقتى.

  12- ئاۋغۇستتىن باشلاپ پۇئەندىكى 11-ئاۋغۇست كۆمۈر كان ھادىسىسىدە خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش خىزمىتى پىلان بويىچە ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە كۆمۈر ۋە گاز پارتلاش ھادىسىسىدە قازا قىلغان ئادەم 13كە يەتتى. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر