باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا ئاتاپ ئالتۇن، كۈمۈش تەڭگە پۇل تارقىتىلدى

2015.08.14 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، 12-چېسلا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا ئاتاپ ئالتۇن، كۈمۈش تەڭگە پۇل تارقىتىلىپتۇ. خاتىرە پۇلىنىڭ بىرى ئالتۇن، بىرى كۈمۈش تەڭگە بولۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قانۇندا بەلگىلەنگەن پۇل ئىكەن.

  ئىككى تال خاتىرە تەڭگە پۇلىنىڭ ئىككى تەرىپىگە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېربى ئويۇلغان بولۇپ، دۆلەت نامى، يىل سانى بېسىلغان، كەينى تەرىپىگە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش» دېگەن خەتنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچىسى شۇنداقلا پۇل سوممىسى يېزىلغان.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئالتۇن، كۈمۈش خاتىرە پۇلىنىڭ ساپلىق دەرىجىسى 99.9% بولۇپ، ئالتۇن تەڭگە پۇلى ئەڭ كۆپ دېگەندە بىر تۈمەن تال، كۈمۈش تەڭگە پۇل ئەڭ كۆپ دېگەندە ئىككى تۈمەن تال بېسىلىپ، دۆلەت ئىچى- سىرتىدا تارقىتىلىدىكەن. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر