باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارېدورى (شىنجاڭ قاراماي) مۇنبىرى ئاياغلاشتى

2015.08.14 16:27         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارېدورى (شىنجاڭ قاراماي) مۇنبىرى 12-ئاۋغۇست ئاياغلاشتى. ‹‹جۇڭگو-پاكىستان ھامكارلىقىنى ئورتاق كېڭىشىش، گۈللەنگەن كارېدورنى ئورتاق قۇرۇش، ئىناق تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرلىنىش›› باش تېما قىلىنغان بۇ مۇنبەرگە 300 دىن ئارتۇق ۋەكىل قاتنىشىپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى ھەمدە ‹‹قاراماي خىتابنامىسى››نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى

  جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارېدورى (شىنجاڭ قاراماي) مۇنبىرى 12-ئاۋغۇست ئاياغلاشتى. ‹‹جۇڭگو-پاكىستان ھامكارلىقىنى ئورتاق كېڭىشىش، گۈللەنگەن كارېدورنى ئورتاق قۇرۇش، ئىناق تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرلىنىش››باش تېما قىلىنغان بۇ مۇنبەرگە 300 دىن ئارتۇق ۋەكىل قاتنىشىپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى ھەمدە ‹‹قاراماي خىتابنامىسى››نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى.

  ‹‹خىتابنامە››دە ‹‹جۇڭگو-پاكىستان ھامكارلىقىنى ئورتاق كېڭىشىش، گۈللەنگەن كارېدورنى ئورتاق قۇرۇش، ئىناق تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرلىنىش›› باش تېما قىلىنىپ، تىنچلىق، ھەمكارلىق، ئېچىۋېتىش، كەڭ قورساق بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىش، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ بېيىشتەك يىپەك يولى روھى قايتا تەكىتلىنىپ، ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› ۋە ‹‹دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى››نىڭ قەدىمىي يىپەك يولى روھىنىڭ يېڭى باسقۇچتىكى ۋارىسى ۋە تەرەققىياتى ئىكەنلىكى تەرپلىنىپ، يول بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئاخىرىدا سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئىقتىساد بىرلەشكەن، مەدەنىيەت سىغدۇرۇشچان بولغان مەنپەئەت، مەسئۇلىيەت ۋە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشىنىڭ ئومۇمىي خەرىتىسى ۋە گۈزەل ئىستىقبالى تۈزۈپ چىقىلدى.

  ‹‹خىتابنامە››دە ئىككى تەرەپ سىياسىي چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاكتىپ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش، ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، ئادىمىيەت ھەمكارلىقىنى مۇستەھكەملەش، سۆھبەتلىشىش سۇپىسىنى كېڭەيتىش قاتارلىق ساھەلەردە كونكرېت ھەرىكەت قوللىنىشقا ۋەدە بەردى.

  مۇنبەرنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا جۇڭگو-پاكىستان ئىككى تەرەپ يەنە 20 تۈرلۈك ھەمكارلىق تۈرى ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى، ئومۇمىي قىممىتى 10 مىليارد 350 مىليون يۈەنگە يەتتى. بۇ تۈرلەر ئېنېرگىيە، ئېلېكتىر كۈچى، سانائەت باغچا رايونى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇش تۈرلىرى؛ مائارىپ، تەربىيەلەش، تېببىي داۋالاش، دېھقانچىلىق، خەلق تۇرمۇشى، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى تۈرلەر؛ شۇنداقلا جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارېدورى (شىنجاڭ قاراماي) مۇنبىرى بىرلەشمە پىلانى ۋە قۇرۇلۇش كېلىشىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇنبەردە جۇڭگو قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن پاكىستان جىرجىت-باردىستان ۋىلايىتى رەسمىي دوست رايون مۇناسىۋىتى ئورناتتى.

  جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارېدورى (شىنجاڭ قاراماي) مۇنبىرىنى جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇيۇشتۇرغان، جۇڭگو شىنجاڭ قاراماي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ۋە يەرشارى ئىستراتېگىيەسى تەتقىقات يۇرتى (يەرشارى ئىستراتېگىيەسى ئەقىل ئامبىرى) بىلەن جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ‹‹لەندى›› خەلقئارا ئەقىل ئامبىرى تۈرى ئورتاق ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر