باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بان كىمون تيەنجىندىكى پارتلاش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلار ۋە يارىلانغانلار ئۈچۈن ئازابلاندى

2015.08.14 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت باش كاتىپى بان كىمون 13- ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ، تيەنجىندىكى پارتلاش ۋەقەسىدە قازاق قىلغانلار ۋە يارىلانغانلار ئۈچۈن ئازابلانغانلىقىنى بىلدۈردى.نيۇ-يورك ۋاقتى 13-ئاۋغۇست چۈشتە، بان كىمون باياناتچىسى ئارقىلىق تيەنجىندە يۈز بەرگەن ئەجەللىك پارتلاشتا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قازا قىلغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ قاتتىق ئازابلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بان كىمون قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن، بولۇپمۇ بۇ قېتىملىق ۋەقەدە ئېغىر قۇربانلىقلارنى بەرگەن ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىدىن ھال سورىدى. ئۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خادىملىرىغا ھېسىداشلىق قىلدى، شۇنداقلا بارلىق قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان ۋە جىددىي ئىنكاس قايتۇرغانلارنى ماختىدى.

  تيەنجىن شەھىرى بىنخەي يېڭى رايونى خەتەرلىك بۇيۇملار ئىسكىلاتىدا 12-ئاۋغۇست پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، دەسلەپكى ئسىتاتىستىكىغا قارىغاندا 50 ئادەم قازا قىلغان،701 ئادەم دوختۇرخانىلارغا داۋالىنىشقا ئاپىرىلغان، نۆۋەتتە، ئوت ئۆچۈرۈش ۋە ئىزدەش خىزمىتى يەنىلا داۋاملاشماقتا. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر