باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ج خ ساقچىلىرى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولسا، مېيىپ بولسا، يارىلانسا سۇغۇرتا تۆلىمىگە ئېرىشىدۇ

2015.08.14 13:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:12-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ ج خ ساقچىلىرىنىڭ كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زىيان سۇغۇرتىسى كېلىشىمى ئىمزا قويۇش مۇراسىمى ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىدە ئۆتكۈزۈلدى، بۇ شىنجاڭ ج خ ساقچىلىرىنىڭ كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زىيان سۇغۇرتىسى تۈرى تۆلەم خىزمىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.ج خ نازارىتى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ زېيۈ مۇنداق دېدى: پۈتۈن شىنجاڭدىكى ج خ ساقچىلىرى سادىقلىق بىلەن خىزمىتىنى ئادا قىلىپ، قۇربان بېرىشتىن قورقماي، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا غايەت زور قۇربانلارنى بەردى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 1990-يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ج خ ساقچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېرلىرى ئىچىدە 400دىن ئارتۇق ئادەم خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان، 2500دىن ئارتۇق ئادەم ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن زەخمىلەنگەن. خەلق ساقچىلىرى كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زىيان سۇغۇرتىسى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ج خ ئورگانلىردا خىزمەت قىلىۋاتقان شتاتلىق ج خ ساقچىلىرىنى ئوبيېكىت قىلغان.

  ج خ ساقچىلىرى ئىچىدە ئىنقىلابىي قۇربان دەپ ئەنگە ئېلىنغان، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان ۋە كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان دەپ ئېتىراپ قىلىنغان، ھۆكۈمەت ئىشى ( ئۇرۇش سەۋەبى) مېيىپ بولغان دەپ بېكىتىلگەنلەرگە، «خەلق ساقچىلىرى نەپىقە ئېتىبار بېرىش چارىسى» قاتارلىق سىياسەتلەردە بەلگىلەنگەن تۈرلۈك نەپىقە ۋە ياردەم پۇلى تارقىتىش ئاساسىدا، كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زىيان سۇغۇرتا تۆلىمى قوشۇپ تارقىتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىنقىلابىي قۇربانغا 200 مىڭ يۈەن، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغانلارغا 200 مىڭ يۈەن، كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغانلارغا 100 مىڭ يۈەن،1- دەرىجىلىك مېيىپقا 270 مىڭ يۈەن، 2-دەرىجىلىك مېيىپقا 255 مىڭ يۈەن، 3-دەرىجىلىك مېيىپقا 240 مىڭ يۈەن، 4- دەرىجىلىك مېيىپقا 225 مىڭ يۈەن، 5-دەرىجىلىك مېيىپقا 135مىڭ يۈەن، 6 - دەرىجىلىك مېيىپقا 120 مىڭ يۈەن، 7-دەرىجىلىك مېيىپقا 60 مىڭ يۈەن، 8-دەرىجىلىك مېيىپقا 45 مىڭ يۈەن، 9 -دەرىجىلىك مېيىپقا 30 مىڭ يۈەن، 10-دەرىجىلىك مېيىپقا15 مىڭ يۈەن بېرىلىدۇ.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر