باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يەتتە ئايدا مالىيە كىرىمى %7.5 ئاشتى

2015.08.14 16:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالىيە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 1-ئايدىن 7-ئايغىچە ، مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى 9 تىرىليون 384 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.5 ئاشقان،مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، 1-ئايدىن 7-ئايغىچە مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئۆتكەن يىلنىڭ شۇ مەزگىلدىكىدىن 3.1 پوئىنت تۆۋەنلىدى، مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىشىدا سۈرئەت ئازراق تۆۋەنلەش يۈزلىنىشى كۆرۈلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆتكەن يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا مەركەز مالىيە كىرىمى كېردىنالى بىر قەدەر يۇقىرى ئىدى، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىرقانچە ئايدا مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش بېسىمى يەنىلا بىرقەدەر چوڭ بولىدۇ، ھەر دەرىجىلىك كىرىمنى باشقۇرۇش تارماقلىرى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، يوچۇقلارنى ئېتىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇشى شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەددىن ئارتۇق باج يىغىش قاتارلىق قانۇن بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق چەكلىشى كېرەك، مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەنلىگەن ئەھۋالدا ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى چىقىم خامچوتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساقلانما مۈلۈكنى جانلىق ئىشلىتىپ، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق چىقىملارغا بىرقەدەر ياخشى كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر