خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1949-يىلى 1-ئۆكتەبىر، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا، ئېلىمىزنىڭ ھەربىي ئۇرۇشتا ئولجا ئالغا تانكىلارنى ھەيدەپ ھەيۋەتلىك ھالدا تيەنئەنمېندىن ئۆتتى. 1959-يىلىدىكى دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدىكى پاراتتىن ئۆتۈشتە، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان 59 تىپلىق ئوتتۇرا تىپتىكى تانكىلار ئەترەتلەرگە بۆلۈنۈپ تۇنجى قېتىم تيەنئەنمېن مەيدانىدا كۆرەكتىن ئۆتتى. مۇخبىر ئازادلىق ئارمىيە گېزىتىنىڭ فوتو ـ سۈرەت مۇخبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن 1984، 1999، 2009 يىللىرى ئۈچ قېتىم دۆلەت بايرىمىدىكى پاراتتا مەسق قىلىۋاتقان ئەسكەرلەر ۋە پاراتتىن ئۆتۈۋاتقانلارنى سۈرەتلىك زىيارەت قىلغان، ھەمدە دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تىپتىكى ئاساسىي ئۇرۇش تانكىلىرىنىڭ ھەيۋەتلىك قىياپىتىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان.بۇ يىل 3-سېنتەبىر، دۆلىتىمىزدە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشى شۇنداقلا دۇنيا فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ كۆرىكى ئۆتكۈزۈلىدۇ، بىز بۇ ۋاقىتتا، دۆلىتىمىزنىڭ تېخىمۇ يېڭى تانكىلىرىنىڭ ئۆزىنى نامايان قىلىشىغا تەقەززا!