باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«زىيادە كۆڭۈل ئېچىش»نى تەكىتلەشتىن ۋاز كېچىپ، ئەھمىيەتلىك بولىشىغا ئېتىبار بېرەيلى

2015.08.14 17:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىز قانداق تارىخىي قاراشقا مۇھتاج

  بىر مەزگىلدىن بۇيان، «ياپونغا قارشى تېلېۋىزىيە تىياتىرى»، «ئوردا تىياتىرى»، «مەشھۇر ئەسەرلەرگە ئاساسەن ئۆزگەرتىلپ ئىشلەنگەن فىلىم»لەر نۇرغۇن گۇمانىي قاراشلارنى پەيدا قىلدى. تارىخىي چىنلىق بىر چەتكە قايرىپ قويۇلغان ھەتتا ئاددىي ساۋادلار ئەپلەپ- سەپلەپ ئۆتكۈزۈلگەن، ھېچقانداق ئەھمىيىتى ۋە مەناسى يوق قالايمىقان ئويدۇرۇپ چىقىلغان فىلىملەر كىشىلەرنى بىزار قىلدى، شۇنداقلا مۇنداق بىر مەسىلىگە ئايلاندى: ئۇچۇر پارتلاش خارەكتىرلىك تەسىر پەيدا قىلىدىغان، كۆز قاراش كۆپ مەنبەلەشكەن، مەدەنىيەت كۆپ خىللاشقان بۈگۈنكى كۈندە قانداق قىلغاندا تارىخىي بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، تارىخنى ھەقىقىي يەتكۈزۈپ، تارىخ ئارقىلىق دەۋرگە، ئاۋامغا خىتاب قىلىش كېرەك.

  كىنو- فىلىملەردىكى كونىلىق، قاتماللىق، قېلىپلىشىپ قېلىشتەك ئەھۋاللارنى ئۆزگەرتىپ، يىنىك، جانلىق، يېڭى قىياپەت بىلەن تارىخقا نەزەر تاشلاپ، ئىجدىمائىي تەرەققىيات ۋە ئىدىيەدە ئازاد بولۇشنى ئىپادىلەش كېرەك. ۋەھالەنكى سەھنە قارشىنى ھەققانىيەت قارشىنىڭ ئورنىغا، مەسخىرە قىلىشنى بىر تەرەپ بولۇشنىڭ ئورنىغا، ئىستىمال تارىخىنى تارىخنى تونۇشنىڭ ئورنىغا، كۆڭۈل ئېچىش تارىخىنى تارىخنى تونۇشنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەندە، «زىيادە كۆڭۈل ئېچىش» قىلتىقىغا چۈشۈپ قالىدۇ، تارىخ بازادىكى بازارلىق ئىستىمال بۇيۇمىغا، ئېكراندىكى كەيپىيات تەڭشىگۈچكە، كىشىلەرنى كۈلدۈرىدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى
  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر