باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«پۇتبول ئۆگىنىش ئەھۋالى» جۇڭگو ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاشقا كىرگۈزىلىدۇ

2015.08.14 17:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 13-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى، جۇڭگو مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ 13-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك ھۆججىتىگە قارىغاندا، جۇڭگو پۇتبول ئۆگىنىش ئەھۋالىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىپىغا كىرگۈزۈپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاشتا پايدىلىنىدىكەن: پۇتبولدا ئارتۇقچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇش باسقۇچىدا مۇۋاپىق يۆتكىلىشىگە رۇخسەت قىلىنىپ، ئالىي مەكتەپلەردىكى يۇقىرى سەۋىيلىك پۇتبول تەنھەرىكەتچىلىرنىڭ سانى ئاشۇرۇلۇپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى مۇۋاپىق كېڭەيتىلىدۇ.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئاخبارات-نەشرىيات، رادىئو، كىنو، تېلىۋىزىيە باش ئىدارىسى، تەنتەربىيە باش ئىدارىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبولچىلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەكتەپ پۇتبولچىلىقىدا پائال ئىلگىرلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، تۈزۈلمە مىخانىزىمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، تەرققىيات ئەندىزىسىدە داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىلدى، مەكتەپ پۇتبولچىلىقى نۇقتىسى دەپ بەلگىلەنگەن مەكتەپ بەش مىڭدىن ئاشتى، يۈز مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق تۈرلۈك مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزۈلدى، ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەردىن بولغان پۇتبول ماھىرلىرىنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، مەكتەپ پۇتبولچىلىقىدا تەرەققىيات ئاستا بولۇش، تەرەققىيات تەكشىسىز بولۇش، ئومۇملىشىش دائىرىسى تار بولۇش، مۇسابىقە سىستېمىسى مۇكەممەل بولماسلىق، كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارى يېتەرسىز بولۇشتەك مەسىلىلەر ساقلانماقتا.

  ھۆججەتكە قارىغاندا، جايلار شارائىتى بار يەرلەرنى مەملىكەتلىك ياش ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبولى سىناق نۇقتا ناھىيىسى ۋە پۇتبول ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى قۇرۇش، ئاۋال يولغا قويۇپ ئاۋال سىناش، تەجرىبە توپلاشقا رىغبەتلەندۈرۈلۈپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبولىنىڭ تەرەققىياتى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؛ شارائىتى بار مەكتەپلەرنىڭ پۇتبولنى خاسلىق قىلغان «بىر مەكتەپ بىر ماركا» تەنتەربىيە ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر