سۆرەتتە: 13-ئاۋغۇست، تيەنجىن ئوت ئۆچۈرۈش مەلۇم تارماق ئەترىتىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى تيەنجىن بىنخەي يېڭى رايونى پارتلاش يۈز بەرگەن نەق مەيداننىڭ غەربىي رايونىدىكى مەلۇم ئوت كەتكەن جايدا ئوت ئۆچۈرۈمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:تيەنجىن«بىڭخەي يېڭى رايونى 12-ئاۋغۇست خەتەرلىك بۇيۇملار ئىسكىلاتى پارتلاش قۇتقۇزۇش نەق مەيدان قوماندانلىق شىتابى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 13-ئاۋغۇست سائەت 18 گە قەدەر، بۇ قېتىمقى پارتلاش ۋەقەسىدە 50 ئادەم قازا قىلغان؛ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقانلار 701 ئادەم بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىر يارىدارلار 71 ئادەمگە كۆپەيگەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى