خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئاۋغۇست ئوردوستىن بەرگەن خەۋىرى (ئالىم) 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋىي تەنھەرىكەت يىغىنى ئوردوس شەھىرىدە ئېچىلدى، شىنجاڭدىن 7 نەپەر ئازسانلىق مىللەت ۋەكىلى ئوردوس شەھىرىگە كېلىپ، بۇ قېتىملىق تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ مۇقەددەس مەشئىلىنى يەتكۈزدى ھەمدە ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇقەددەس ئوتنى ياندۇردى.
مەيلى مەشئەل يەتكۈزۈشنىڭ ئالدى-كەينى بولسۇن، ياكى ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ ئارىلىقىدىكى ئارام ئېلىش بولسۇن، ۋەياكى تاماق يېيىش، كۆرگەزمە قاتارلىق پائالىيەتلەر بولسۇن، شىنجاڭ گۈللىرى بىكار قالمىدى، تاراتقۇلار ئاپپاراتلىرىنى توغرىلاپ، مىكروفونلىرىنى تەڭلىشىپ ئۇلارنى زىيارەت قىلىش بىلەن ئالدىراش بولدى، تەنھەرىكەت يىغىنى پىدائىيلىرى، تاماشىبىنلار، مۇسۇلمانچە ئاشخانا خىزمەتچىلىرىمۇ پۇرسەت بولسىلا ئۇلار بىلەن بىرگە خاتېرە سۆرەتكە چۈشتى.
مەنبە: خەلق تورى