باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى « جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتى نىزامى » نى بېسىپ تارقاتتى

2015.08.16 09:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى « جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتى نىزامى » نى بېسىپ تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، جايلار ۋە تارماقلاردىن ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى : 2009-يىلى ئىيۇلدا مەركىزى كومىتېت بېسىپ تارقاتقان « جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتى نىزامىنىڭ سىناق نۇسخىسى »تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ تۈزۈملىشىشى، قېلىپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى . پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ، تەكشۈرۈش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش چوڭقۇر تەرەققىي قىلىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى ، ئەسلىدىكى نىزام رېئال ئېھتىياجغا ماس كەلمەيدىغان بوپقالدى ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇنى تۈزىتىشنى قارار قىلدى .

  «تەكشۈرۈش خىزمىتى نىزامى» تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم ئۇل خاراكتېرلىك نىزام ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىدارە قىلىش، مەركەزنىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتى فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ، پارتىيە ئىستىلى - پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك كوللېكتىپى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى : ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ، «تەكشۈرۈش خىزمىتى نىزامى» نى ھەقىقىي ياخشى ئۆگىنىشى، ياخشى تەشۋىق قىلىشى، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك . تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتكەن پارتىيە تەشكىلاتلىرى ھەمدە تەكشۈرۈش ئورگانلىرى خىزمەتلەرنى « تەكشۈرۈش خىزمىتى نىزامى » بويىچە قانات يايدۇرۇپ ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ ،تەكشۈرۈشتىكى شەمشەرلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك . تەكشۈرۈلگەن پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىك كوللېكتىپلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرى تەكشۈرۈش ۋە نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ ، تەكشۈرۈش خىزمىتىگە پائال ماسلىشىپ ، تۈزەش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇشى لازىم. ئالاقىدار ئورگانلار ۋە فۇنكسىيەلىك تارماقلار « تەكشۈرۈش خىزمىتى نىزامى » دىكى بەلگىلىمە بويىچە ، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنى پائال ئۇچۇر ، خادىم ، كەسىپ قاتارلىق جەھەتلەردىن قوللىشى كېرەك . پارتىيەلىك كادىرلار « تەكشۈرۈش خىزمىتى نىزامى » نىڭ روھىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ، پارتىيە نىزامنامىسى ئېڭىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشى ، پارتىيە نىزامى ، پارتىيە ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىشى ، دۆلەتنىڭ قانۇن - نىزاملىرىغا نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىشى كېرەك . مەركەز تەكشۈرۈش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى «تەكشۈرۈش خىزمىتى نىزامى » نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئوبدان تۇتۇپ ، مۇۋاپىق پەيتتە « تەكشۈرۈش خىزمىتى نىزامى » نى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ ، تۈرلۈك بەلگىلىمىلەردىكى تەلەپلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك .

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى : مەركەزدىكى ئالاقىدار مىنىستىرلىق ، كومىتېتلار ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى مىنىستىرلىق، كومىتېتلارنىڭ پارتگۇرۇپپا ( پارتكوم ) لىرى ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتى « تەكشۈرۈش خىزمىتى نىزامى » بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر