خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئاۋغۇست ئوردوس شەھىرىدىن بەرگەن خەۋىرى (ئالىم) 14-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا، 56 مىللەت مەشئەلچىلىرى مىللىي كىيىملىرىنى كىيىشىپ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوردوس شەھىرىگە جايلاشقان چىڭگىزخان مەقبەرىسىگە كەلدى، 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ 56 مىللەت مەشئەلچىلىرى چىڭگىزخان مەقبەرىسىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلدى، 56 تال خاداك ھەر مىللەت ئوغۇل قىزلىرىنىڭ قەلبىنى چىڭ باغلىدى.
مەنبە: خەلق تورى