باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئېلىمىزنىڭ « 13 - بەش يىللىق » پىلانىدا خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت ئالتە چوڭ ساھەدىكى ئىسلاھات پىلانى تۈزۈلدى

2015.08.16 09:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يېقىندا يىغىن ئېچىپ ، بۇ يىل 10-ئايدا 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىشنى قارار قىلدى، ئاساسلىق قارالمىلارنىڭ بىرى -« 13 - بەش يىللىق پىلان»نى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپلەرنى تەتقىق قىلىش .

  ئىگىلىنىشىچە ، نۆۋەتتە نۇرغۇن ساھەلەرنىڭ « 13 - بەش يىللىق » پىلانى ئاساسىي جەھەتتىن تۈزۈلۈپ بولغان ، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىنىدىكەن . يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەدىن قارىغاندا ، مۆلچەرلىنىشىچە « 13 - بەش يىللىق » پىلاندا ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ، يېزا ئىگىلىك ئىسلاھاتى ، يېشىل تەڭكەش تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىدىن ئىبارەت ئالتە چوڭ ساھەدىكى يېڭى ئىسلاھات پىلانى تۈزۈلگەن.

  تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ 6 - ئايدا ئېلان قىلغان « ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى» توغرىسىدىكى دوكلاتىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دۆلەتنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى ئىگىلىك تىكلەش، مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلەش فوندى تەسىس قىلىش تېزلىتىلىدۇ ، يېڭىلىق يارىتىلغان دورىلارنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىنى ئېچىۋېتىش زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ ، توك بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان ئاپتوموبىللارنى زەرەتلەش ئەسلىھەسى ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ « 13 - بەش يىللىق » تەرەققىيات پىلانى تۈزۈلىدۇ ۋە ئېلان قىلىنىدۇ .

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ماۋ ۋېيمىڭ يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ماشىنا ئادەم كەسپىنىڭ « 13 - بەش يىللىق » پىلانى 10 - ئاينىڭ ئاخىرى تۈزۈلىدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى سانائىتىنىڭ « 13 - بەش يىللىق » تەرەققىيات يېتەكچى پىكىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىش نۇسخىسى تۈزۈلمەكتە، مۆلچەرلىنىشىچە يىل ئاخىرى رەسمىي نۇسخا ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن.

  كەسىپ ساھەسىدىكى ئەربابلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى : « 13 - بەش يىللىق پىلان» مەزگىلى- جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك بېسىمنى تۈگىتىش، « ئوتتۇرا كىرىم قىلتىقىدىن ساقلىنىش » ، يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتكە قاراپ ئىلگىرىلەشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل، « 13 - بەش يىللىق پىلان » مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش-جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئوڭۇشلۇق تىپىنى ئۆزگەرتىش ئۆزگەرتەلمەسلىكى، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۆستۈرۈلمەسلىكى ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ بولۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش مەركىزى مۆلچەرلەپ مۇنداق دەپ قارىدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ بولۇش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ، « 13 - بەش يىللىق پىلان » مەزگىلىدە ھەر يىلى ئىقتىسادنى % 6.8 ئاشۇرۇش سۈرئىتىنى ساقلاش كېرەك ، مۇشۇنداق ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش سۈرئىتى دۆلىتىمىز بەلگىلىگەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ .


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر