باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۆزىتىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتەيلى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى

2015.08.14 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى، بېيجىڭ، 13-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى» دەپ ئاتىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەستايىدىل ئەمەل قىلىپ ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 2009-يىل 7-ئايدا بېسىپ تارقاتقان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» كۆزىتىش خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، كۆزىتىش ئەمەلىيىتى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، روشەن ئۈنۈملەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئەسلى نىزام ئەمەلىي ئېھتىياجغا تولۇق ماس كەلمىگەچكە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

  «كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى» كۆزىتىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرىدىغان، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىدىغان مۇھىم ئۇل خاراكتېرلىك قانۇن-نىزام بولۇپ، ئۇ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، پارتىيەنى قانۇن-نىزام بويىچە باشقۇرۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى فاڭقېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيە تەشكىلىي رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىق ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر