12-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن ئوردوس شەھەرلىك موڭغۇل ئوتتۇرا مەكتىپى تەنتەربىيە زالىدىن خۇش خەۋەرلەر تارقالدى. تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئابلىكىم مەمەت ئۇيغۇرچە چېلىشىش 52 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسى بويىچە رەقىبلىرىنى يېڭىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچۈن بىر ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. ئوخشاشلا يەنە تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ۋەلىخان سېرك زاڭزۇچە چېلىشىش 62 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسى بويىچە رەقىبلىرىنى يېڭىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچۈن يەنە بىر ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.