باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

شېرىنئاينىڭ مودىللىق ھاياتى(1)

2015.08.17 15:52   مەنبە: خەلق تورى

شېرىنئاينىڭ مودىللىق ھاياتى(1)

  رىياسەتچى: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، ئېكران ئالدىدىكى ئەزىز كۆرۈرمەن دوستلار، خەلق تورى ئارقىلىق سىلەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمدىن ناھايىتى خۇرسەنمەن. مەن رىياسەتچى مەلىكەم ، بىز بۇ قېتىملىق سۆھبىتىمىزدە دۆلىتىمىزدىلا ئەمەس، چەتئەللەردىمۇ مۇئەييەن نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ كېلىۋاتقان مودېل قىز شېرىنئاينىڭ مودىللىق ھاياتى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتمەكچى، سۆھبىتىمىزگە قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار داۋاملىق ئىكرانىمىزدا بولسۇن. ئەسسالامۇئەلەيكۇم، شېرىنئاي.

  شېرىنئاي: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئېكران ئالدىدىكى كۆرۈرمەن دوستلار.

  رىياسەتچى: سىز مودىللىق ھاياتىڭىزنى قاچان باشلىغان؟


  شېرىنئاي: ئالىي مەكتەپنىڭ 1-يىلى ھەربىي مەشىق ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى مېنى مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغانىدى، قاتنىشىپ ئۇيان – بۇيان مېڭىپلا بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ قالدىم، شۇنىڭدىن بىلەن مودېللىق ھاياتىم باشلىنىپ كەتتى.

  رىياسەتچى: ئالى مەكتەپتە قايسى كەسپتە ئوقۇغان ئىدىڭىز؟


  شېرىنئاي: بىئولوگىيە كەسپىدە ئوقۇغان.

  رىياسەتچى: مودېللىق سىزنىڭ ئارزۇيىڭىزمىتى؟


  شېرىنئاي: ياق، مىنىڭ كەسپىم تەبىئىي پەن بولغاچقا، مودېل بولۇشنى ئويلاپمۇ باقمىغان.

  رىياسەتچى: مودېللىق كۆپ تۈرلەرگە بۆلۈنىدىكەن، سىز ئۆزىڭىزنىڭ مودېللىق كەسپى توغرىسىدا بىزگە ئاز ـ تولا سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟


  شېرىنئاي: مودېللىق چوڭ جەھەتتىن سەھنە مودېلى ۋە سۆرەت مودېلى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ، سۆرەت مودېلى يەنە ئۆز ئىچىدىن بىرقانچە تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ، مەسلەن ئېلان مودېلى، ژۇرنال مودېلى، قول مودېلى، بەدەن مودېلى. ئېلان مودېلىغا ئادەتتە خۇش چىراي قىز-يىگىتلەرنى تاللايدۇ، ئالاھىدە چىرايدىكى مودېللار ژۇرنال مودېلى بولالايدۇ، مەن بولسام سۈرەت مودېلى.

  رىياسەتچى: ھەشەم بۇيۇملىرىغا ئالاھىدە قىزىقىشىڭىز بارمۇ؟


  شېرىنئاي: مىنىڭچە ئەگەر ئىقتىسادىڭىز يار بەرمىسە، ھەشەم بۇيۇملىرىنى سېتىۋىلىش خاتا، چۈنكى ھەشەم بۇيۇملىرنىڭ باھاسى كۈندىن كۈنگە ئۆرلەۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بىر خىل زەھەردەك ئادەمنى خۇمار قىلىدۇ. مەن ھەشەم بۇيۇملىرىغا قىزىقمايمەن .

  رىياسەتچى: خىزمەتتىن سىرت ۋاقىتلاردا نېمە قىلىشنى ياقتۇرىسىز؟


  شېرىنئاي: خىزمەتتىن سىرت ۋاقتىمدا قاتنىشىدىغان نۇرغۇن دەرسلىرىم بار، مەسلەن مەن فرانسۇز تىلى ئۆگىنىۋاتقىلى ئۈچ يىل بولۇپ قالدى، يەنە يوگا، بوكس، رەسىم سىزىش قاتارلىقلارنى ئۆگۈنىۋاتىمەن. مەن كىچىك ۋاقتىمدا قىزىقىدىغان ھەم قىلالمىغان ئىشلىرىمنى ھازىر قىلىۋالماقچىمەن.

  رىياسەتچى: مودىغا بولغان كۆز قارىشىڭىزنى سۆزلەپ باقامسىز؟


  شېرىنئاي: مودا ئېقىمى ئىنتايىن تېز ئۆزگىرىدۇ. لېكىن ھازىرقى ياشلاردا داڭلىق كىشىلەر كىيگەن كىيىم مودا كىيىم دەپ ئويلايدىغان خاتا قاراش بار، مودا دېمەك سىزگە ئەڭ ماس كىلىدىغان، يارىشىدىغان كىيىمدۇر. ئادەم كىيگەن كىيمى بىلەنلا ئادەم بولمايدۇ، بەلكى ئىچكى دۇنياسى بىلەن ئادەم بولىدۇ، شۇڭا بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىچكى دۇنيارىمىزنى بېيىتىشىمىز كېرەك.

  رىياسەتچى: ئاڭلىشىمچە سىزنىڭ كىيىم ماركىڭىز بار ئىكەن، بولسا بىزگە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟


  شېرىنئاي: مېنىڭ كىيم ماركام ئۆزەمنىڭ ئىسمى بىلەن ئەنگە ئىلىنغان، مېنىڭ تەۋسىيە قىلىدىغىنم ئاددىي ۋە يارىشىملىق كىيىنىش.

  رىياسەتچى: سىز قىزلارنىڭ مۇستەقىل ياشىشىغا قانداق قارايسىز؟


  شېرىنئاي: بۇ بىر مۇھىم ئىش، قىزلار بەلكىم ياخشى بىر ئەرگە ياتلىق بولساملا بولدى دەپ ئويلايدۇ، لېكىن قانداق ئەر ياخشى ئەر بولىدۇ، بەلكىم ئەرلەرمۇ يۆلەنگىلى بولىدىغان بىر ئايال تاپسام دەپ ئويلىشى مۇمكىن، قىزلار مۇستەقىل ياشىسا ياخشى ئەرلەرگە ئۇچراش پۇرسىتىمۇ چوڭ بولىدۇ.

  رىياسەتچى: سىز يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە نىمىلەرگە دىققەت قىلىسىز؟


  شېرىنئاي: ئەتىگەنلىك تاماق بەك مۇھىم، ئاياللار ئۈچۈن ئاياللىق ھورمۇن مۇھىم، سۈت ئىچىش، تۇخۇم يىيىش، يەنە ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق ئاياللىق ھورمۇنىنى كۆپەيتكىلى بولىدۇ. ئۇخلاشتىن بۇرۇن بەك تويۇپ كەتمەسلىك كېرەك.

  رىياسەتچى: تېرە ئاسراشتا قانداق ئۇسۇللىرىڭىز بار؟


  شېرىنئاي: ئەڭ مۇھىمى يەنىلا كەيپىيات. ئۆزىڭىزنى خوشال قىلالىغاندا ھەممە ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. ئەرزان گىرىم بۇيۇمى سېتىۋالماڭ، چۈنكى بۇخىلدىكى گىرىم بۇيۇملىرىدا خمىيلىك ماددا كۆپ بولۇپ تېرىگە زىيانلىق. سۈت بىلەن ھەسەلنى سۈركەپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ، بۇ ئەڭ تەبىئىي تېرە ئاسىراشتۇر.

  رىياسەتچى: خىزمەر يوق ۋاقىتلاردا ساياھەت قىلامسىز؟


  شېرىنئاي: كۈندە دېگىدەك خىزمىتىم بار، نۇرغۇن ئالقىشلىقلارغا ئېرىشتىم، بۇرۇن يالغۇزلۇق ھىس قىلاتتىم، ھازىر ۋاقتىم چىقسىلا ئۆيدىكىلەرگە، دوستلىرىمغا ھەمراھ بولىمەن.

  رىياسەتچى: بۇنىڭدىن كېيىن باشقا خىزمەت قىلىش ئويىڭىز بارمۇ؟


  شېرىنئاي: مەن بۇ يىل مودا ساھەسىدىن ئۆزەمنى تارتىپ، كىيم لايىھەلەش خىزمىتىنى باشلاي دەپ ئويلىغانىدىم، كىنو ئىشلەش پۇرسەتلىرى كەينى-كەينىدىن كېلىۋاتىدۇ، نەچچە قېتىم رەت قىلدىم. بەزىدە ئويلاپ قالىمەن بۇ خىزمەت نۇرغۇن قىز-يىگىتلەرنىڭ ئارزۇسى، بۇ قىلغىنىم توغرىمىدۇ؟ شۇنىڭ بىلەن بىر كىنونى قوبۇل قىلدىم، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارنىڭ قانداق بولۇشى تەقدىرگە باغلىق، ئەلۋەتتە ئۆزۈمنىڭ كىيىم لايىھىلىگۈچىلىك خىزمىتىمنىمۇ تەڭ ئېلىپ بارىمەن.

  رىياسەتچى: قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئاجرىتىپ خەلق تورىدا سۆھبەتتە بولغانلىقىڭىزغا كۆپتىن – كۆپ رەھمەت، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولىشىغا تىلەكداشمىز.


  شېرىنئاي: رەھمەت سىلەرگە!

  تېخىمۇ تولۇق مەزمۇنىدىن خەۋەردار بۇلاي دېسىڭىز دىققىتىڭىز سىندا بولسۇن

  مەنبە : خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالىشىدا بۇنىڭدىن كېيىن چەت ئەل تىلىدىن ئىمتىھ…
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنالمىغان ئوقۇغۇچىلار 25 -، 26 - سېنتەبىر …
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن 130 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىندى
      ·2015-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 3-سېنتەبىر ئاياغلىشىدۇ
      ·50مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇل بىلەن شىنجاڭ كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، كەسپ …
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى باشل…
      ·مەۋلۇت: ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇشنى بىكار قىلىشنىڭ تېخىچە ۋاقىت …
      ·خەنزۇتىل - يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىي ئوقۇغۇچىلار ۋە «قوش تىل» سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئورۇندال…
      ·ئىچكىردىكى  شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى ئۈچ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق تە…