خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى (خەلق تورى مۇخبىرى مەرھابا خەۋىرى) 2015-يىللىق دۆلەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 15-ئاۋغۇست بىيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى،شىنجاڭ كوماندىسىدىكى كىچىك ئەزىمەتلەر كۆپچىلىكنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىزلار گۇرۇپپىسى بويىچە چېمپىيونلىقنى قولغا كەلتۈردى.
بۇ قېتىمقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چاڭشا، دوڭيىڭ، باۋتوۋ، چوڭچىڭ، نەنچاڭ، شىنىڭ قاتارلىق 6 مۇسابىقە رايونى 128 كوماندىدىن تاللاپ چىقىلغان 8 تۇلۇقسىزلار گۇرۇپپىسى، 16 باشلانغۇچ گۇرۇپپىسى ۋە 8 باشلانغۇچ قىزلار گۇرۇپپىسى بولۇپ، جەمئىي 23 كوماندا، 600 دىن ئارتۇق كىچىك پۇتبولچىلار قاتناشتى.
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشقان 32 كوماندا ئىچىدە شىنجاڭدىن ئۈچ كوماندا بار بولۇپ، باشلانغۇچ گۇرۇپپىسىدا ئۈرۈمچى 5-باشلانغۇچ كوماندىسى ۋە قەشقەر 14-باشلانغۇچ كوماندىسى، تۇلۇقسىزلار گۇرۇپپىسىدا ئۈرۈمچى 3-ئوتتۇرا، 46-ئوتتۇرا ۋە 117-ئوتتۇرىدىن تەشكىللەنگەن شىنجاڭ كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشتى.
باشلانغۇچ كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئۈرۈمچى 5-باشلانغۇچ كوماندىسى0 گە قارشى 11 نەتىجە بىلەن خۇنەن كوماندىسىنى يېڭىپ، چېمپىيونلىقنى قولغا كەلتۈردى، قەشقەر 14-باشلانغۇچ كوماندىسى ئۈچۈنچىلىككە ئېرىشتى.تولۇقسىز ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ كوماندىسى 0 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن خېنەن كوماندىسىنى يېڭىپ، چېمپىيونلىقنى قولغا كەلتۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ كوماندىسى ئىككى تۈردىكى چېمپىيونلىقنى قولغا كەلتۈرگەندىن باشقا يەنە، ئەڭ ياخشى سەپ، ئەڭ ياخشى بىك، ئەڭ مۇنەۋۋەر ترېنېر ، ئەڭ ياخشى توپچى قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشىپ شىنجاڭ ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈردى.
مەنبە: خەلق تورى