2015 -يىلى 25-ئاۋغۇست خاتىرىلەش پائالىيىتى بايراق چىقىرىش مۇراسىمى مۇھاپىزەتچى چاسا ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى مەشق قىلماقتا
جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمىغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا، مۇخبىر بېيجىڭنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ مەلۇم مەشق بازىسىغا كېلىپ، بۇ يەردە مەشق قىلىۋاتقان خاتىرىلەش پائالىيىتى قوراللىق ساقچى بايراق چىقىرىش مۇراسىمى چاسا ئەترىتىنى زىيارەت قىلدى. بۇ مۇھاپىزەتچى چاسا ئەترەت خاتىرىلەش پائالىيىتى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، جەمئىي 200 كىشىدىن تەركىپ تاپقان. بۇنىڭ ئىچىدە بايراق مۇھاپىزەتچىلىرى 196 كىشى، بايراق چىقىرىش گۇرۇپپىسىدا تۆت كىشى بار بولۇپ، بىر تۇتاش يېڭى پاسوندىكى بايراق چىقىرىش مۇراسىمى كىيىمى، ئۆتۈك كىيگەن. مۇھاپىزەتچى چاسا ئەترەتتىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى 1.85 مېتىر، ئوتتۇرىچە يېشى 22 ياش ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ چاسا ئەترەت بۇ يىل 6-ئايدىن باشلاپ كوللېكتىپ مەشقنى باشلىغان، ھەر كۈنى 10 نەچچە سائەت مەشق قىلىدىكەن.