باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تيەنجىن شەھىرىدىكى ئۆيى زىيانغا ئۇچرىغانلارغا ئۆي ئىجارىسى تولۇقلىمىسى تارقىتىلىدۇ

2015.08.17 14:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەيگاڭچېڭ مەھەللىسى 12-ئاۋغۇست پارتلاش ۋەقەسىدە پارتلىغان ئورۇنغا ئەڭ يېقىن شۇنداقلا ئەڭ چوڭ بولغان ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى ، بۇ مەھەللىنىڭ كۆلىمى 40 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 44 كورپۇس بىنا ، 8000 مىڭدىن كۆپرەك ئاھالە بار. بۇ قېتىمقى پارتلاش ۋەقەسىدە ئىككى كىشى بەختسىزلىككە ئۇچرىدى. بىڭخەي يېڭى رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۈەنجيې مۇنداق دېدى: ۋەقەدىن كېيىن كۆپلىگەن ئاھالىلەر ئۆيلىرىدىن قېچىپ، جىددىي ئېھتىياجلىق بۇيۇملىرىنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالدى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، رايونلۇق ھۆكۈمەت بىنا ئىچىدىكى خەتەرنى تەكشۈرمەكتە، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر ئەسكەرلىرىمۇ بىنا ئىچىدە زىيانلىق ماددىلار بار يوقلىقىنى تەكشۈرمەكتە، پات ئارىدا ئاھالىلەرنى ئۆيلىرىگە قايتىپ بۇيۇملىرىنى ئېلىۋېلىشقا تەرتىپلىك تۈركۈم بويىچە تەشكىللەيمىز.

  ئۇ بارلىق ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىگە قارىتا مۇنداق دېدى: بىڭخەي يېڭى رايونى ئاھالىلەرنى ۋاقىتلىق ئورۇنلىشىش تولۇقلىما بېرىش چارىسىنى چىقىرىپ،ئاھالىلەرنىڭ سىرتلاردىن ئۆي ئىجارە ئېلىش ھەققى تولۇقلىمىسىنى ھەل قىلىدۇ. تولۇقلىما ئۆلچىمى ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ ئۆي ئىجارە باھاسىدىن يۇقىرىراق بولىدۇ. ئۆي ئىجارە تولۇقلىمىسى ئۈچ ئاي بولىدۇ، ئەگەر ئەسلىدىكى ئۆيگە كۆچۈپ كىرەلمىسە ئۆي ئىجارىسى تولۇقلىمىسى داۋاملىق ئۇزارتىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر