- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تيەنجىن پورتىدىكى پارتلاش ۋەقەسىگە ئائىت ئەڭ يېڭى خەۋەر
2015.08.17 14:50 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ھازىرغىچە، تيەنجىن پورتىدىكى رۇيخەي شىركىتى خەتەرلىك بۇيۇملار ئامبىرىدا 12-ئاۋغۇست يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە زور ئوت ئاپىتىدىن پارتلاش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلار 104گە يەتتى، دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلار ئىچىدە قازا قىلغانلار يوق، 15-ئاۋغۇست ئېچىلغان ئىككى قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا نەق مەيداندىكى قۇتقۇزۇش خىزمىتى ۋە ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندىكى خەتەرلىك بۇيۇملارنى باھالاش، بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار تونۇشتۇرۇلدى.تيەنجىن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جۇ تيەن ئالدى بىلەن نەقمەيداندىكى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى، نۆۋەتتە ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندا ئوت پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلدى، ئەمما خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملارنىڭ بىر-بىرىگە ئارىلىشىشىدىن ئىسسىقلىق ھاسىل بولۇپ، بەزى يۈك ساندۇقلىرى دۆۋىلەنگەن جايدىن يەنە تۈتەك كۆتۈرۈلمەكتە.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر