خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:چىڭداۋ ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى( خۇاڭداۋ رايونىنى) تەشۋىقات بۆلۈمى مىكرو بلوگىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا ، 16-ئاۋغۇست كەچتە، 110 ساقچىلىرى خۇاڭجاڭ يولى بىر كاۋچۇك ۋە ياغاچ ساقلاش ئىسكىلاتىغا ئوت كەتكەنلىكى ھەققىدىكى دېلو مەلۇمىنى قوبۇل قىلغان. ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى تېزلىكتە نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان. ھازىرچە ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى