شىنجاڭ قومۇل ئاراتۈرك ناھىيەسىنىڭ نوم رايونىدىكى دىھقان ئېتىزلىقتا كىيىن پىشىدىغان قۇمۇل قوغۇنىنى تاللىماقتا
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۈز كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ قومۇل ئاراتۈرك ناھىيەسىنىڭ نوم رايونىدىكى 60مىڭ مودىن ئارتۇق كىيىن پىشىدىغان ئورگانىك قۇمۇل قوغۇنى ئارقا-ئارقىدىن پىشىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سودىگەرلەرنى زاكاز قىلىپ سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلدى. دىھقانلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، قوغۇن ئۈزۈپ، تاللاپ ۋە توشۇپ، بۇيىلقى كىيىن پىشىدىغان ئورگانىك قۇمۇل قوغۇنىنىڭ مول-ھۇسۇل پەسلىنى كۈتىۋالدى. مۆلچەرلىنىشىچە، 8-ئاينىڭ ئاخىرىلىرىدا شۇ جايدا تېرىلغان كىيىن پىشىدىغان ئورگانىك قۇمۇل قوغۇنى كۆپ مىقداردا بازارغا سېلىنىدىكەن.
شىنجاڭ قۇمۇل ئاراتۈرك ناھىيەسىنىڭ نوم بازىرى شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئەلا سۈپەتلىك قوغۇن تېرىش بازىسى بۇلۇپ، بۇيەرنىڭ كىيىن پىشىدىغان قۇمۇل قوغۇنى تاشقى كۆرۈنىشى چىرايلىق، قەنىت مىقدارى 14پىرسەنىتتىن 20پىرسەنىتكىچە بولۇپ، ئاساسلىقى دۆلەت ئىچى ۋە ياپونىيە، سىنگاپور ، ۋيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېتىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كىيىن پىشىدىغان قۇمۇل قوغۇنىنى زاكاز شەكلىدە تېرىش، سېتىش شۇ يەردىكى دېھقانلارنىڭ ئاساسلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش تۈرى بۇلۇپ قالدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى