[كىرىش سۆز] ئوردوس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئەل ئايلاندۇرۇش ۋە ئېچىلىش مۇراسىمىدا، دۆلىتىمىزدىكى 56 مىللەتتىن 56 نەپەر مەشئەلچى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىيىملىرىنى كىيىشىپ، قوللىرىدا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلىنى كۆتۈرۈپ، 56 مىللەتنىڭ دوستلۇق كۈيىنى ياڭراتتى. بۇ 56 نەپەر مەشئەلچى ئىچىدە شىنجاڭدىن كەلگەن 7 نەپەر شىنجاڭ گۈللىرى بار بولۇپ، ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرگە ۋەكىل بولۇپ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى.
12-ئاۋغۇست كەچتە، خەلق تورى مۇخبىرى ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقانلار ئۈچۈن مەخسۇس تەسسىس قىلىنغان مۇسۇلمانچە رېستۇراندا بۇ 7 نەپەر شىنجاڭ گۈلىنى ئۇچراتتى. بۇ بىر توپ شىنجاڭلىق قىزلار تاماق يېگەچ قىزغىن پاراڭلىشىۋاتاتتى، ئەگەر ئۇلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ ئۇسلۇبىدىكى ئېنىق پەرقلەرنى دېمىسە، ئۇلارنى بىر ئائىلىدىكى 7 ئاچا-سىڭىلمىكىن دەپ قالاتتى. قىسقىغىنا تاماق ۋاقتىدا مۇخبىر ئۇلارنى بىر-بىرلەپ زىيارەت قىلدى، ئۇلارمۇ ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن زىيارەتنى قۇبۇل قىلدى.
مۇرشىدە مىنىر: تاتار مەدەنىيىتىنى تىرىشىپ كەڭ تارقىتىمەن
25 ياشلىق تاتار قىزچاق مۇرشىدە پۇل-مۇئامىلە، ئىقتىساد خىزمىتى بىلەن شوغۇللىنىدىغان بولۇپ، تاتار جەمئىيىتىنى تەۋسىيە قىلىشى بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى سەھنىسىگە كېلىپ، تاتار مىللىتى ۋەكىلى ھەم مەشئەلچىسى بولدى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ قېتىملىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تاتار مەشئەلچى بولغانلىقىمدىن ھاياجانلاندىم ھەم پەخىرلەندىم. بىرىنچى قېتىم 56 مىللەت قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە پائالىيەتكە قاتنىشىش مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر قېتىملىق ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە».
مۇرشىدە ئۆز يۇرتى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «تاتارلار ئىنتايىن ئىلغار مىللەت، لېكىن نوپۇسى ناھايىتى ئاز، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئاران ئۈچمىڭدىن كۆپرەك ئادەم بار، بۇ پائالىيەت ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تاتارلارنى تونۇشتۇرسام، تېخىمۇ كۆپ جايلارغا بېرىپ تاتار مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ كەڭ تارقاتسام دەيمەن».
مەنبە: خەلق تورى