[كىرىش سۆز] ئوردوس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئەل ئايلاندۇرۇش ۋە ئېچىلىش مۇراسىمىدا، دۆلىتىمىزدىكى 56 مىللەتتىن 56 نەپەر مەشئەلچى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىيىملىرىنى كىيىشىپ، قوللىرىدا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلىنى كۆتۈرۈپ، 56 مىللەتنىڭ دوستلۇق كۈيىنى ياڭراتتى. بۇ 56 نەپەر مەشئەلچى ئىچىدە شىنجاڭدىن كەلگەن 7 نەپەر شىنجاڭ گۈللىرى بار بولۇپ، ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرگە ۋەكىل بولۇپ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى.
12-ئاۋغۇست كەچتە، خەلق تورى مۇخبىرى ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقانلار ئۈچۈن مەخسۇس تەسسىس قىلىنغان مۇسۇلمانچە رېستۇراندا بۇ 7 نەپەر شىنجاڭ گۈلىنى ئۇچراتتى. بۇ بىر توپ شىنجاڭلىق قىزلار تاماق يېگەچ قىزغىن پاراڭلىشىۋاتاتتى، ئەگەر ئۇلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ ئۇسلۇبىدىكى ئېنىق پەرقلەرنى دېمىسە، ئۇلارنى بىر ئائىلىدىكى 7 ئاچا-سىڭىلمىكىن دەپ قالاتتى. قىسقىغىنا تاماق ۋاقتىدا مۇخبىر ئۇلارنى بىر-بىرلەپ زىيارەت قىلدى، ئۇلارمۇ ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن زىيارەتنى قۇبۇل قىلدى.
كۈنبىكە نۇر: خەۋەر دېكتورى بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن
بۇ يىل 21 ياشلىق كۈنبىكە نۇر شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ دېكتورلۇق كەسپىدە ئوقۇيدىغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق پۇرسەتنىڭ ناھايىتى تەستە كەلگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ ناھايىتى خوشال ھالدا مۇنۇلارنى ئېيتتى: «جۇڭگودىكى قازاق مىللىتىگە ۋەكىل بولۇپ، بۇ قېتىملىق تەنتەربىيە بەزمىسىگە قاتناشقانلىقىمدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن. بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە ھەرتۈرلۈك بەلگىلەنگەن خىزمەتلەرنى تاماملاپلا قالماي يەنە ھەرقايسى مىللەتلەردىن نۇرغۇن دوستلار بىلەن تونۇشتۇم، ئوردوسنىڭ گۈزەللىكى تەرەقققىياتىنى كۆردۈم، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە مەنزىرىلىرىنى چۈشەندىم، ئىچكى موڭغۇلغا، ئوردوسنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشىنى تىلەيمەن».
تىرىشچان ئوقۇغۇچى كۈنبىكە نۇر ياخشى بىر ئاخبارات دېكتورى بولۇپ، ئۆز ئاۋازى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دوستلۇقى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قۇشۇشنى ئۆزىنىڭ نىشانى قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
مەنبە: خەلق تورى