باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەردىن ھال سوراش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش تەلەپ قىلىندى

2015.08.13 15:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 11-ئاۋغۇست ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەردىن ھال سوراش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى مەزگىلىدە، جايلاردىكى خەلق ئىشلىرى، مالىيە، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت تارماقلىرى ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھازىر ھايات تۇرۇۋاتقان ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر جۈملىدىن چوڭ قۇرۇقلۇقتا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان گومىنداڭنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان جەڭچىلىرىدىن ئۆيىگىچە بېرىپ يوقلاش، ھال سوراش پۇلى ياكى بۇيۇمى تارقىتىپ بېرىش، خاتىرىلەش پائالىيىتىگە تەكلىپ قىلىش، سۆھبەت يىغىنى، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ھال سوراپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارغا بولغان غەمخورلۇقىنى يەتكۈزۈشى، ئۇلارنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئۈچۈن قوشقان زور تۆھپىسىنى تەقدىرلىشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يوقلاش، ھال سوراش پائالىيىتىنى تۈرلۈك نەپىقە بېرىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ، تۈرلۈك نەپىقە بېرىش ۋە قۇتقۇزۇش سىياسەتلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەرنىڭ كېيىنكى ئۆمرىنى خۇشال-خۇرال ئۆتكۈزۈشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر