باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

گۈلمېھرە مۇھەممەت بېيجىڭدىكى دۆلەت چوڭ تىياتىرخانىسىدا ‹‹گۈلمېھرى›› ناملىق ئۇسسۇل كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ

2015.08.13 16:31         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014 – يىللىق ‹‹جۇڭگو ياخشى ئۇسسۇلى›› پىروگراممىسىنىڭ چېمپىيونى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىسى، پەخىرلىك ئۇيغۇر قىزى گۈلمىھرە مۇھەممەتنىڭ ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى قۇتلۇقلاش يۈزىسىدىن تەييارلىغان ئۇسسۇل كېچىلىكى ‹‹گۈل مېھرى›› 25 – ، 26 – ئاۋغۇست كۈنلىرى بېيجىڭدىكى دۆلەت چوڭ تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  ئۇقۇشىمچە، جۇڭگو ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتى بىلەن دۆلەت چوڭ تىياتىرخانىسى پىلانلىغان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بۇ كېچىلىككە شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسسۇللىرىدىن باشقا يەنە ھازىرقى زامان ئۇسسۇللىرىمۇ كىرگۈزۈلۈپتۇ، گۈلمېھرە مۇھەممەت بىلەن 35 ئۇسسۇلچىنىڭ جاپالىق مەشىق قىلىشى بىلەن تەييارلانغان بۇ كېچىلىكتە ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنىڭ سېھرى كۈچى، ئۇيغۇر ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ 60 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىياتى نامايان قىلىنىدىكەن. بۇ كېچىلىك يەنە ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن 10 – ئايدا شىنجاڭ سەھنىلىرىدە ھەر مىللەت تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن. كېچىلىككە قاتنىشىدىغان 35ئۇسسۇلچى گۈلمېھرەنىڭ خىزمەتداشلىرى، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ سەنئەت ئالاھىدىلىكى، بەختىيار، ئىناق، خاتىرجەم تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر