باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش ۋە ساياھەت ئىستېمالىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى بىر قانچە پىكىر» نى ئېلان قىلدى

2015.08.13 15:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن يېقىندا «ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش ۋە ساياھەت ئىستېمالىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى بىر قانچە پىكىر» نى ئېلان قىلدى، پىكىردە ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش ۋە ساياھەت ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  «پىكىر» دە ئالتە تەرەپتىكى 26 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇلار تۆۋەندىكىچە، (1) ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ساياھەت ئىستېمال مۇھىتىنى ياخشىلاش. ساياھەت ئىستېمالى يۇمشاق مۇھىتى كۈچەپ ياخشىلىنىپ، شەھەرلەرنىڭ ساياھەتتىن مەسلىھەت بېرىش مەركىزى ۋە يولۇچىلار يىغىلىش، تارقىلىش مەركەزلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مەنزىرىگاھلارغا بارىدىغان يوللار ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرى قۇرۇلۇشى، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ ساياھەت تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، ساياھەت رايونى ھاجەتخانىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. (2) ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇش، ساياھەت ئىستېمال بازىرىنى يېڭىدىن ئېچىش. تۇرالغۇلۇق ئاپتوموبىل بازىسى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، ساياھەت پاراخوتى كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، سەيلە كېمىسى ساياھىتى ئاممىباب ئىستېمال بازىرى يېتىلدۈرۈلۈپ، ئۆزگىچە ساياھەت شەھەر-بازارلىرى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، ئارام ساياھىتى مەھسۇلاتلىرى زور كۈچ بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ، ساياھەت جابدۇقلىرى ياسىمىچىلىقى، «ئالاقە تورى قوشۇلغان ساياھەت» پائال زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر