باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ 20 كەسپىي ئورۇننى ئەمەلدىن قالدۇردى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تەربىيىلەش مەركىزى ئىكەن

2015.08.13 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 12-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ 12-ئاۋغۇست بېيجىڭ شەھەرلىك ئورگان ئىشتات كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئورگاننىڭ ھۆكۈمەت تورىدا يېقىندا 20 كەسپىي ئورۇننى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ تەستىقلانغانلىقى ئېلان قىلىنغان، لېكىن، رويخەتكە ئالدۇرۇشنى باشقۇرۇش ئورگىنىغا بېرىپ رويخەتتىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرمىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ج ك پ بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم كادىرلارنى تەربىيىلەش مەركىزى، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى تەربىيىلەش مەركىزى، بېيجىڭ شەھەرلىك دۆلەت باج ئىدارىسى تەربىيىلەش مەركىزى قاتارلىق پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تەربىيىلەش مەركىزىگە تەۋە 10 نەچچە ئورۇن بار ئىكەن.

  يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، تۆت خىل ئىستىلغا قارشى تۇرۇش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئارقا كۆرۈنۈشىدە، مەركەز مۇناسىۋەتلىك سىياسەت خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تەربىيىلەش مەركەزلىرىنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇردى.

  مەركەز 2-كۆزىتىش گۇرۇپپىسى 2014-يىلى بېيجىڭ شەھىرىدە كۆزىتىش جەريانىدا، «بەزى تەربىيىلەش مەركەزلىرىنىڭ ناچار ئىستىللار پەيدا بولىدىغان جايغا ئايلانغانلىقى»دەك مەسىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىغان. بۇنىڭ ئۈچۈن، بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان.

  ئىگىلىنىشىچە، بېيجىڭنىڭ تەربىيىلەش مەركەزلىرىنى تۈزىشى ئاساسلىقى ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدىكەن، بېيجىڭ شەھەرلىك ئورگان ئىشتات كومىتېتى ئىشخانىسى قاتارلىق تارماقلار ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ تەربىيىلەش مەركەزلىرىنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدىكەن، بېيجىڭ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش ئىدارىسى تەربىيىلەش مەركەزلىرىدىكى چىرىكلىشىش مەسىلىلىرىنى نۇقتىلىق تۈزەشكە مەسئۇل بولىدىكەن.

  بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم بەنگۇڭتىڭى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئېلان قىلغان «بېيجىڭ شەھىرىدىكى تەربىيىلەش مەركەزلىرىنى تەكشۈرۈش ئىستاتىستىكا جەدۋىلى»گە ئاساسەن، بېيجىڭ شەھىرى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە 144 تەربىيىلەش مەركىزىنى تەرتىپكە سالغان. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر