- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئېكولوگيەنى تەكشۈرۈش تور قۇرۇلۇش لايىھەسى بېسىپ تارقىتىلدى
2015.08.13 15:13 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يېقىندا گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى« ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش تورى قۇرۇلۇشى لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى، لايىھە جەمئىي ئالتە قىسىم 20 ماددىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش تورى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاندى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
لايىھەدە بەش جەھەتتىكى خىزمەت تەدبىرى ئېنىق بېكىتىلدى: بىرىنچى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تەكشۈرۈش پىلانىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆلچەمنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۇچۇر ئېلان قىلىش، ئىككىنچى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا بىرلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىش، ئۈچىنچى، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە كارخانىلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئىشلىرىدىكى ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق ئايرىش، تۆتىنچى، تۈرلۈك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى نازارەت قىلىپ،ئۆلچەش ئاپپاراتلىرىغا بولغان نازارەت ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، بەشىنچى، ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىش.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر