باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى خو كې قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ۋەزىپىسىدى قالدۇرۇلدى ۋە پارتىيەدىن قوغلاندى

2015.08.13 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى، بېيجىڭ، 12-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ج ك پ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى خو كېنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، خو كېنىڭ پاك-تەلەپچان بولۇش بەلگىلىمىسىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، سوۋغا قوبۇل قىلغانلىقى؛ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، كادىرلارنى تاللاپ ئىش ئورنىغا قويۇش، كارخانا تىجارىتى قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ، پارا ئالغانلىقى؛ ئەمىلىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، باشقىلارغا پارا بەرگەنلىكى؛ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغانلىقى بايقالغان. بۇنىڭ ئىچىدە، پارا ئېلىش ۋە بېرىش، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغانلىق مەسىلىسى جىنايەتكە چېتىلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، خو كېدا يەنە تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلغان. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر