باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئابې داۋاملىق ئوغرىلىقچە ئۇقۇم ئالماشتۇردى «تاجاۋۇزچىلىق» سۆزىنى ئىشلىتىشنى يېزىق ئويۇنى دېيىشكە بولىدۇ

2015.08.12 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 10-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزۇ ياپونىيەنىڭ ئۇرۇشتا مەغلۇب بولۇپ تەسلىم بولغانلىقىنىڭ 70 يىللىق خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن قىلىدىغان سۆزىدە «تاجاۋۇزچىلىق» سۆزىنى ئىشلەتمەكچى بولغان بولسىمۇ، بىراق بۇ سۆزدە ياپونىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغانلىقىنى ئەمەس، بەلكى باشقىچە مەنىنى بىلدۈرىدىكەن.

  كيودو ئاگېنتلىقى ۋە «سانكىي خەۋەرلىرى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئابې ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئىتتىپاقدىشى ئادالەت پارتىيىسىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن سۆزىدە «تاجاۋۇزچىلىق» سۆزىنى ئىشلەتمەكچى بولۇۋىتىپتۇ.

  بىراق، ئىلگىرىكى «ئېنىقلىمىسىز تاجاۋۇزچىلىق نەزەرىيىسى»دىن ۋاز كەچكەن ئابې ياپونىيەنىڭ ئۇرۇشتىن ئىلگىرى ۋە ئۇرۇش مەزگىلىدە قوزغىغان تاجاۋۇزچىلىقنى كۆرسەتمەستىن، ئەكىسچە بۇ سۆزنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە تاجاۋۇز قىلىشقا قارشى تۇرۇشتەك كەڭ مەنىدە ئىشلەتكەن . مەسىلەن 1955-يىلى ھىندونېزىيە باندۇڭدىكى ئاسىيا ئافرىقا يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئون تۈرلۈك پرىنسىپتىكى بەزى مەزمۇنلارنى دەلىل كەلتۈردى. ياپونىيە رادىئو جەمىئىيىتى (NHK) شۇ كۈندىكى خەۋەرگە قارىغاندا، ئابې سۆزىدە «تاجاۋۇزچىلىق» تىن باشقا يەنە «كەچۈرۈم سوراش» سۆزىنىمۇ ئىشلەتمەكچى، دېدى. بىراق كىيۇدو ئاگېنتلىقى ھۆكۈمەتتىكى خەۋەردار ئەربابلارنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، ئابې بۇ سۆزنى ئىشلىتىش-ئىشلەتمەسلىكنى تېخى قارار قىلماپتۇ.

  بۇ خەۋەردار ئەربابلارنىڭ دېيىشىچە، «ئابې سۆزى» 1995-يىلى ۋەزىپە ئۆتىگەن باش ۋەزىر مۇراياما ئېلان قىلغان «مۇراياما سۆزى» دىنمۇ خېلىلا ئۇزۇن بولىدىكەن. سەۋەبى ئابې سۆزىگە ئۇرۇشنى قوزغىغان تارىخىي ۋەقەلەر ھەققىدىكى تەپسىلىي باياننى قوشىدىكەن، «ياپونىيەنىڭ نېمىشقا ئۇرۇش يولىغا مېڭىشىنى توسىيالمىغانلىقىنى بايان قىلىنغان. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر