باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

31 ئۆلكىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدىكى GDPسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى رەت تەرتىپى: چۇڭچىڭ 1-ئورۇندا تۇردى، لياۋنىڭ ئاخىرقى ئورۇندا تۇردى

2015.08.13 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى، بېيجىڭ، 12-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. يېقىندا، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەر كەينى-كەينىدىن 2015-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدىكى GDPسىنىڭ «نەتىجە قەغىزى»نى ئېلان قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى 25 ئۆلكە مەملىكەتنىڭ ٪7لىك ئېشىش سۈرئىتىدىن ئېشىپ كەتكەن. چۇڭچىڭ، گۈيجۇ، تيەنجىن ئېشىش سۈرئىتى جەھەتتە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇننى ئىگىلىگەن، ئەڭ يۇقىرى ئېشىش سۈرئىتى ٪11 بولغان؛ لېكىن، خېيلۇڭجياڭ، سەنشى، لياۋنىڭ قاتارلىق ئۆلكىلەرنىڭ ئېشىش سۈرئىتى نىسبەتەن تۆۋەن بولغان.

  چۇڭچىڭنىڭ GDPسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ٪11 بولۇپ 1-ئورۇندا تۇرغان، لياۋنىڭنىڭ ٪2.6 بولۇپ ئاخىرقى ئورۇندا تۇرغان

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 7-ئايدا 2015-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدىكى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP)گە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان، نۇرغۇن ئۆلكە ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە GDPسىنىگە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلغان.

  نەتىجىسى ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغانلىرى چۇڭچىڭ ۋە گۈيجۇ ئىكەن، چۇڭچىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدا ٪11لىك ئېشىش سۈرئىتى بىلەن مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، يىللىق بەلگلەنگەن نىشاندىن 1 پىرسەتنت پوئېنت ئاشقان. گۈيجۇنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ٪10.7 بولۇپ، بەلگىلەنگەن نىشاندىن 0.7 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان. لياۋنىڭنىڭ GDPسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، ٪2.6 ئىكەن، ٪6لىك يىللىق نىشان بىلەن 3.4 پىرسەنت پوئېنت پەرقلىنىدىكەن. لياۋنىڭنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغىنى سەنشى بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى ٪2.7 ئىكەن، بەلگىلەنگەن نىشان بىلەن 3.3 پىرسەنت پوئېنت پەرقلىنىدىكەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر