شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كورىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى خاتوياما يۇكىيو شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 12-ئاۋغۇست سېئۇل غەربىي چوڭ قۇۋۇق جازا ئىشلىرى ئورنى مۇزېيىدا ئېكسكۇرسىيەدە بولغاندا، قەھرىمانلار قەبرە تېشى ئالدىدا تىزلاندى.
خاتوياما يۇكىيو مۇنداق دېگەن: ياپونىيە مۇستەملىكە، تاجاۋۇچىلىق تارىخىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك، باش ۋەزىر ئابې شىنزو بۇ ئاينىڭ 14-كۈنى ئېلان قىلماقچى بولغان ‹‹ئۇرۇشتىن كېيىنكى 70 يىللىق پاراڭ››دا تارىخىتىكى خاتالىقنى تىلغا ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
خاتوياما يۇكىيو بۇ قېتىم ‹‹2015-يىللىق شەرقىي ئاسىيا تىنچلىق خەلقئارا يىغىنى››غا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن.