باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ ھىندونېزىيە تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تالاش تارتىشى ھالقىلىق مەزگىلگە كىردى

2015.08.12 16:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى:رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، جۇڭگو تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۈ جاۋشى 10-ئاۋغۇست جاكارتا زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە جۇڭگو ھىندونېزىيە ھەمكارلىشىپ قۇرغان جاكارتادىن باندۇڭغىچە بولغان تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول قۇرۇلۇش تۈرى دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلدى.

  بۇندىن بۇرۇن ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى: ئۈچىنچى تەرەپ باھالاش ئاپپاراتىنى تەكلىپ قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ياپونىيە تاپشۇرغان تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول لايىھەسى ھەققىدىكى لايىھەنى باھالايمىز دېگەن ئىدى.

  ھىندونېزىيەدىكى تۇنجى تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرى جاۋا ئارىلىغا ياسىلىپ، پايتەخت جاكارتا ۋە بۇ دۆلەتتىكى تۆتىنچى چوڭ شەھەر باندۇڭ بىلەن تۇتاشتۇرۇلىدۇ. بۇ ئىككى شەھەرنىڭ ئارىلىقى 120 كىلومېتىر كېلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرىچە ئومۇمىي قۇرۇلۇشقا ئالتە مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كېتىدىكەن.

  ھازىر ھىندونېزىيە تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى بولسۇن، ياكى تايلاند تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرى ھەمدە تالاش تارتىش بولۇۋاتقان مالايسىيا-سىنگاپور تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى بولسۇن، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدىكى بۇ دۆلەتلەرنىڭ تۆمۈر يول تۈرلىرى ئىچىدە جۇڭگو بىلەن ياپونىيە كارخانىلىرىنىڭ رىقابەتلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر