باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەكتەپلەردە ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش تۈزۈمى تۇرغۇزۇش تەلەپ قىلىندى

2015.08.12 15:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 10 – ئاۋغۇست دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، مەكتەپلەرنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، دۆلەتلىك سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىكى بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەكتەپلەردە ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش تۈزۈمى تۇرغۇزۇشنى تەلەپ قىلغان.

  دۆلەتلىك سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزدىكى ياش ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك كۆپىيىپ قالغان، بىر قىسىم مەكتەپلەردە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيە خىزمىتى ئەمەلىيلەشمەسلىك، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئېڭى كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان.

  شۇڭا، ئۇقتۇرۇشتا جايلاردىكى سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىدىن مەكتەپلەرنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيە خىزمىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئاساسىدا، ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش تۈزۈمى ۋە قەرەللىك خىزمەتلەرنى كېڭىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، يۇقۇمنىڭ پەيدا بۇلۇش سەۋەبىنى بىرلىكتە تەھلىل قىلىپ، ئالدىنى ئېلىپ كونترول قىلىش سىياسىتى ۋە تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقىش تەلەپ قىلىندى، يۇقۇم ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش جەريانىدا، ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە يۇقۇملانغان ئوقۇغۇچىنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكى قوغدىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر