باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەڭ بالدۇر بولغاندا كېلەر ئايدا نېفىت ئېكسپورتىنى چەكلەش بۇيرۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى بېلەت تاشلاپ ئاۋاز بېرىشقا قويىدۇ

2015.08.11 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىنگاپور « بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى » نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، ئامېرىكا نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى يېقىندا يەنە تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان بىر تۈرلۈك ھەرىكەت ـــ ئامېرىكا نېفىت ئېكسپورتىنى ئېچىۋېتىشنى قوللاشنى باشلىدى.

  ئامېرىكا ئۇزاقتىن بۇيان ئىزچىل سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ70 –يىللىرىدىن بۇيان ئۆزى ئىشلەپچىقارغان نېفىت بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئىدى. 1973-يىلى ئەرەپ دۆلەتلىرى غەرپ دۆلەتلىرىگە نېفىت ئېكسپورت قىلىشنى چەكلىگەندىن كىيىن، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا نېفىت ئېكسپورت قىلىشنى چەكلىگەن ئىدى.

  ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولدى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەڭ بالدۇر بولغاندا كېلەر ئايدا نېفىت ئېكسپورتىنى چەكلەش بۇيرۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى بېلەت تاشلاپ ئاۋاز بېرىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى كىلەر يىلىنىڭ بېشىدا بېلەت تاشلاپ ئاۋاز بېرىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر