خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇيەر ۋاقتى 9-ئاۋغۇست ئامېرىكىدىكى تۆت چوڭ شەھەرنىڭ بىرى بولغان خىيوستۇندا قورامىغا يەتمىگەنلەرگە چېتىلىدىغان قانلىق دىلو يۈزبەرگەن بولۇپ، ئۈچ نەپەر چوڭ ئادەم ۋە بەش نەپەر كىچىك بالىنىڭ تۇرالغۇسىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بايقالغان. 49ياشلىق بىر ئەر جىنايەت گۇماندارى ساقچىلار بىلەن ئېتىشقاندىن كېيىن، تەسلىم بولۇپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان. ھازىر تۇتۇپ تۇرۇلۇپ تەكشۈرۈشنى كۈتمەكتە. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى