مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ تەلىپى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەشتىكى ئومۇمىي خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ‹‹قەلبداشلار›› سەنئەت ئۆمىكى 10-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا ناھىيەسىدىكى توخۇلاسۇ يايلىقىدا ھال سوراش ئويۇنى قويدى، 4000 دەك تاماشىبىن ئويۇننى كۆردى. لۇ جىخۇڭ، لۇ ۋېي، ئەسقەر كۆك بۆرە، ئابدۇللا، تاسكىن قاتارلىق سەنئەتكارلار نادىر سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، مەركىزىي تېلېۋىزىيەئىستانسىسىنىڭ ‹‹قەلبداشلار›› سەنئەت ئۆمىكى بۇ قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ ‹‹تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى جۇڭگو ئارزۇسى››نى باش تېما قىلغان ئويۇننى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىلى ئوبلاستى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ توخۇلاسۇ يايلىقى، كورلا شەھىرىنىڭ خۇڭيا مەيدانىدا قويىدىكەن.